Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
桑
بىئولوگىيە
ئۈجمە دەرىخى
ئۈجمە ئائىلىسىگە كىرىدۇ. چاتقال ياكى دەرەخ. قوۋزىقى تۈز يېرىلىدۇ، شېخى ئىنچىكە، ئۇزۇن، شالاڭ بولىدۇ. يوپۇرمىقى ئاددىي يوپۇرماق، نۆۋەتلىشىپ ئۆسىدۇ. تۇخۇم شەكىللىك ياكى كەك تۇخۇم شەكىللىك. ئالدىنقى ئۇچى ئۆتكۈر ياكى كۆتمەك. تۈۋى يۈرەكسىمان ھەمدە ئازراق يانتۇ ياپىلاق، گىرۋىكىدە يىرىك ھەرە چىشى بولىدۇ، ياكى بەزىدە رەتسىز يېرىلىدۇ؛ ئۈستۈنكى يۈزى تۈگىسىز، پارقىراق، ئاستىنقى يۈزىدكى تومۇر ئۈستىدە شالاڭ تۈك ۋە قولتۇق تۈكى بولىدۇ، تەگ يوپۇرمىقى تۆمۈنە شەكىللىك بولۇپ، بالدۇر تۆكۈلۈپ كېتىدۇ. گۈلى تاج جىنسلىق، ئاتىلىق، ئانىلىقى ئايرىم تۈپتە ئۆسىدۇ، قولتۇقتا ئۆسكەن باشاقسىمان گۈل رېتىدەك تىزىلىدۇ، ئاتىلىق گۈل رېتى ئانىلىق گۈل رېتىدىن تەخمىنەن بىر ھەسسە ئۇزۇن بولىدۇ؛ ئاتىلىق گۈلنىڭ گۈل يېپىنچا ياپراقچىسى تۆت، ئاتىلىقى تۆت، مەركىزىدە يېتىلمەيدىغان ئاتىلىقى بولىدۇ؛ ئانىلىق گۈلىنىڭ گۈل يېپىنچا ياپراقچىسى تۆت بولۇپ، مېۋە تۇتقاندا گۆشلىشىپ كېتىدۇ. مۇرەككەپ مېۋىسى ئاق، سۇس قىزىل بولۇپ، پىشقاندا قارامتۇل بىنەپشە رەڭگە ئۆزگىرىدۇ. ئەسلى ماكانى جۇڭگو ھازىر ھەممە يەردە ئۆستۈرۈلۈۋاتىدۇ، يوپۇرمىقىدا پىلە قۇرتى بېقىلىدۇ؛ ياغىچى سارغۇچ، مۇستەھكەم ۋە زىچ بولۇپ، ئەسۋاب مۇزىكا ئەسۋابلىرى ۋە ئويمىچىلىققا ئىشلىتىلىدۇ؛ قوۋزاق تالاسىدىن قەغەز ياسىلىدۇ؛ مېۋىسىنى ئىستېمال قىلىشقىمۇ، دورىغا ئىشلىتىشكىمۇ بولىدۇ. مېۋىسى پىشقاندا تاتلىق بولۇپ، قاقلاپ قۇرۇتۇپ ياكى قاينىتىپ ساقلاپ ئىستېمال قىلىشقا بولىدۇ؛ ئۇرۇقى تەركىبىدە تەخمىنەن 30 پىرسەنت ماي بار بولۇپ، سىر ياساشقا ئىشلىتىلىدۇ؛ يىلتىز قوۋزىقى، شېخى، يوپۇرمىقى ۋە مېۋىسى دورىغا قوشۇلىدۇ؛ ئۆپكىدىكى ئىسسىقنى ھەيدەش، نەم يەلنى ھەيدەش، جىگەر ۋە بۆرەكنى قۇۋۋەتلەندۈرۈش رولىنى ئوينايدۇ.
ئۇنىۋېرسال
sāng
ئۈجمە ، تۇت
ساڭ )فامىلە (Dدۇنيا يەر - جاي ناملىرى
sāng
ساندDدۇنيا يەر - جاي ناملىرى
桑〈马里〉
sāng
سانDدۇنيا يەر - جاي ناملىرى
sāng
ساندDيېزا ئىگىلىك
sāng
ئۈجمەDئۆسۈملۈك
sāng
ئۈجمە دەرىخىDدۇنيا يەر - جاي ناملىرى
桑〈挪〉
sāng
ساند