Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
سان فرانسىسكو دەرياسى
دۇنيادىكى شەھەرلەر
圣弗郎西斯科河
shèng fú láng xī sī kē hé
برازېلىيىنىڭ مىناس - گېرائىس شتاتىنىڭ غەربىي جەنۇبىدىكى كاناسترا تېغىنىڭ شەرقىي يان باغرىدىن باشلىنىپ، شىمالغا قاراپ ئېقىپ مەركىزىي ئېگىز تەكشىلىكنى كېسىپ ئۆتۈپ كابروبو ئەتراپىدىن شەرقىي جەنۇبقا قاراپ بۇرۇلۇپ ئاتلانتىك ئوكيانغا قۇيۇلىدۇ. ئۇزۇنلۇقى 2900 كىلومېتىر، كۆلىمى 631 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ. يۇقىرى ئېقىنى تاغ جىلغىلىرىدىن ئۆتىدۇ، ئېقىنى تېز بولىدۇ؛ ئېقىنى تېز بولىدۇ؛ تۆۋەن ئېقىنىنىڭ پېترولىنا ئەتراپىدا 500 كىلومېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى جىددىي ئېقىن ۋە شاراقىرتمىلار بار، سۇ ئېنېرگىيە زاپىسى مول بولۇپ، ئومۇمىي ئېنېرگىيە زاپىسى تەخمىنەن 520 مىليون كىلوۋات سائەتكە يېتىدۇ. تۆۋەن ئېقىندىكى پاۋلو ئافونسو شارقىراتمىسىدا چوڭ تىپتىكى سۇ ئېلېكتر ئىستانسىسى قۇرۇلغان. شارقىراتمىنىڭ يۇقىرىسىدىن تاكى برابوردا شەھىرىگىچە بولغان 1600 كىلومېتىر ئارىلىقىدا قاتناش قىلىشقا بولىدۇ، دەريانىڭ ئوتتۇرا ئېقىنىدىكى قۇرغاق رايونلار دەريا سۈيىدىن پايدىلىنىپ سۇغىرىلىدۇ، بۇ جايلاردا نۇرغۇن سۇ ئامبارلىرى ياسالغان.