Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
ساندىنو
دائىرە: دۇنيا تارىخى桑地诺
sāng dì nuò
(1893 - 1934) نىكاراگۇئا مىللىي قەھرىمانى. دەسلەپكى ۋاقىتلاردا دېھقانچىلىق قىلغان، ياشلىق دەۋرىدە گۋاتېمالا، ھوندۇراس ۋە مېكسىكا قاتارلىق جايلاردا ئىشلىگەن. مېكسىكا خەلقىنىڭ ئامېرىكىغا قارشى ۋەتەنپەرۋەرلىك ھەرىكىتىگە قاتناشقان. 1926 - يىلدىن تارتىپ خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ پارتىزانلىق ئۇرۇشىنى قانات يايدۇرغان، ئامېرىكىنىڭ ئىشغالىيىتىگە قارشى تۇرۇش، ئامېرىكا مونوپول كاپىتالىستىلىرى تارتىۋالغان يەرلەرنى دېھقانلارغا تەقسىم قىلىپ بېرىش، بايلىقنى ئېچىش ۋە خەلقنىڭ تۇرمۇش سەۋىيىسىنى ئۆستۈرۈشنى چاقىرىق قىلغان. شۇنىڭ بىلەن خەلقنىڭ كەڭ قوللىشىغا ئىگە بولغان. پارتىزان ئەترىتى لاس سېگوۋىئاس تاغلىق رايوننى تايانچ بازا قىلىپ، يەتتە يىللىق ئامېرىكىغا قارشى قوراللىق كۈرەشنى قانات قەتئىي داۋاملاشتۇرۇپ، ئامېرىكا قوشۇنلىرىنى 1933 - يىلى نىكاراگۇئادىن چىقىپ كېتىشكە مەجبور قىلغان. 1934 - يىلى 2 - ئايدا، نىكاراگۇئا مىللىي مۇھاپىزەت قوشۇنىنىڭ قوماندانى زاموزاگارسىيا (1896 - 1956) تەرىپىدىن قەستلەپ ئۆلتۈرۈلگەن.
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ ئۇيغۇرچە–خەنزۇچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.
بۇ سۆز Lughet توپلىمىدىكى باشقا مەنبەلەردىمۇ ئۇچرايدۇ — تۆۋەندىكى تىزىملىكنى كۆرۈڭ.