Uyghurئاساسىي لۇغەت
سانائەت
مەنىداش سۆزلۈكلەر
تەبىئىي ماددىي بايلىقلاردىن ئىشلەپچىقىرىش ۋاسىتىلىرى، تۇرمۇش ۋاسىتىلىرى ياساش ياكى يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى قايتا ئىشلەشتەك ئىشلەپچىقىرىش ئىشى.
سانائەت ئىنقىلابى؛ سانائەت دۆلىتى؛ يىنىك سانائەت؛ ئېغىر سانائەت. سانائەت _ خەلق ئىگىلىكىنىڭ ئاساسىي تارمىقى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
خەلق ئىگىلىكىنىڭ تەبىئىي بايلىق مەنبەلىرىنى ئاچىدىغان ھەمدە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىپ ئىشلەپچىقىرىش ۋە تۇرمۇش ۋاستىلىرىنى ياسايدىغان ياكى يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ۋە يېرىم تەييار مەھسۇلاتلارنى پىششىقلاپ ئىشلەيدىغان ماددىي ئىشلەپچىقىرىش تارمىقى ھەم ئۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك بولغان كارخانا ۋە زاۋۇت - فابرىكىلار يىغىندىسى.
قول سانائەت. يىرىك سانائەت.