Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
سامۇرايلىق
دائىرە: ھەربىي武士道
wǔ shì dào
دائىرە: دۇنيا تارىخى武士道
wǔ shì dào
ياپونىيە سامۇرايلىرىنىڭ ئەخلاقىي كۆز قارىشى. كاماكۇرا شوگناتى دەۋرىدە باشلانغان. ئۇ شوگنات بىلەن سامۇرايلار ئوتتۇرىسىدىكى فېئوداللىق خوجايىنلىق بېقىندىلىق مۇناسىۋەتنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ. ئۇ سۇڭ سۇلالىسى دەۋرىدە جۇڭگودىن تارقالغان كۇڭزىچىلار تەلىماتى بىلەن ديانا مەزھىپىنىڭ كۆز قارىشى بىرلەشتۈرۈلگەن ئەخلاق بولۇپ، سامۇرايلاردىن خوجايىنغا سادىق بولۇش، نامغا ئەھمىيەت بېرىش، ئۆلۈمگە پىسەنت قىلماسلىق، باتۇرلۇقنى قەدىرلەش، نومۇسچان بولۇش - ۋەدىسىدە تۇرۇشتىن ئىبارەت بۇرچ ۋەمەسئۇلىيەتنى تەلەپ قىلىدۇ. فېئوداللىق ھۆكۈمرانلىقنى مۇستەھكەملەيدىغان سادىق مالايلارنى يىتىشتۈرۈشنى مەقسەت قىلىدۇ. سامۇرايلار دائىم قىلىچ ئېسىپ يۈرۈپ ئۆزىنىڭ باتۇرلۇقىنى كۆرسىتىدۇ. ياپونىيەنىڭ فېئوداللىق دەۋرىدە سامۇرايلار روھى فېئوداللىق تۈزۈمنىڭ مۇھىم ئىدىيىۋى تۈۋرۈكى بولۇپ، بارگاھ ھۆكۈمىتى ھۆكۈمرانلىقى ئۇنى يىتىشتۈرۈش ۋەرىغبەتلەندۈرۈشكە ئىنتايىن ئەھمىيەت بەرگەن. سامۇرايلار تەبىقىسى مېيجى يېڭىلىقى دەۋرىدە قانۇن بويىچە بىكار قىلىنغان بولسىمۇ، لېكىن سامۇرايلىق ئۇزاق مۇددەتكىچە ھۆكۈمرانلار سىنىپى تەرىپىدىن تەرغىپ قىلىنغان ۋە سۈيئىستىمال قىلىنغان.
دائىرە: دىنى سۆزلۈكلەر武士道
wǔ shì dào
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ ئۇيغۇرچە–خەنزۇچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.
بۇ سۆز Lughet توپلىمىدىكى باشقا مەنبەلەردىمۇ ئۇچرايدۇ — تۆۋەندىكى تىزىملىكنى كۆرۈڭ.