Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
سامىن ھەرىكىتى
دۇنيا تارىخى
萨敏运动
sà mǐn yùn dòng
ياۋا رىمباك رايونىدىكى سامىن، تەخمىنەن 1859 - 1914( رەھبەرلىك قىلغان گوللاندىيە مۇستەملىكىچىلىك ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى دېھقانلار ھەرىكىتى. سامىن - رىمباك رايونىدىكى كەمبەغەل دېھقان بولۇپ، غايىۋى دۆلەت قۇرۇش، بارلىق يەرلەرگە دېھقانلار ئورتاق ئىگىدارلىق قىلىش، بىرلىكتە ئەمگەك قىلىش، ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىدىن بىرلىكتە بەھرىمان بولۇشنى تەشەببۇس قىلغان؛ باج تاپشۇرۇشنى رەت قىلىشقا ئوخشاش غەيرىي زورلۇق كۈچ بىلەن گوللاندىيەنىڭ مۇستەملىكىچىلىك ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى تۇرۇشنى تەشەببۇس قىلغان، بۇ كەڭ نامرات دېھقانلارنىڭ تازا ھىمايىسىگە ئىگە بولغان. 1905 - يىلى كۈرەش غەيرىي زورلۇق دائىرىسىدىن ئېشىپ كېتىشكە باشلىغان، دېھقانلار قوراللىق كۈچ بىلەن يەرلەرنى تارتىۋالغان، شۇنداق قىلىپ مۇستەملىكىچىلىككە، فېئودالىزمغا قارشى داغدۇغىلىق دېھقانلار ھەرىكىتى شەكىللەنگەن. گوللاندىيە مۇستەملىكىچى دائىرلىرىنىڭردەھشەتلىك باستۇرۇشى ئارقىسىدا، نەچچە مىڭلىغان دېھقان قولغا ئېلىنغان، 1907 - يىلىرسامىن قاتارلىق سەككىز رەھبەر سۈرگۈن قىلىنغان.