Uyghurئاساسىي لۇغەت
ساماۋار
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
روسچە
مەخسۇس چاي قاينىتىش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان، ئوتتۇرىسىدا كانايسىمان ئوتلۇقى بار مىس ياكى قەلەيدىن ياسالغان جۈمەكلىك ئائىلە بۇيۇمى. ئۇنىڭ ئوتۇن ۋە كۆمۈرنى يېقىلغۇ قىلىدىغانلىرىدا ئوتلۇقىنىڭ ئەتراپىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان سۇ قاچىسى بولىدۇ. توك ئىشلىتىلىدىغان ساماۋارنىڭ مۇنداق ئوتلۇقى بولمايدۇ.
ساماۋاردا چاي قاينىتىپ ساتىدىغان دۇكان، چايخانا.
قىزىپ كەتكەن دۇكان، ئاشخانا، ساماۋارلار كەتكەن جاراڭلاپ، قۇمدەرۋازا رەستىسى بويلاپ، پۇرار خۇشبۇي ئاشمانتا، كاۋاپ.