Uyghurئاساسىي لۇغەت
سالونائې
دۇنيا تارىخى
يۇگۇسلاۋىيىدىكى قەدىمىي شەھەر. ئادرىياتىك دېڭىزى بويىدىكى سېپلېتنىڭ شىمالىدىكى سولىندا. قاتناش مەركىزىگە جايلاشقان، رىم ئىمپېرىيىسى دەۋرىدە سودا ئىشلىرى گۈللەنگەن. پادىشاھ دىئوكلېتئان مۇشۇ شەھەردە تۇغۇلغانلىقتىن، بۇ يەردە ھەيۋەتلىك كۆركەم ئوردا سېلىنغان. ئۇ تەختنى ئۆتۈنۈپ بەرگەندىن كېىنىمۇ مۇشۇ ئوردىدا تۇرغان. ئوردا خارابىسى ھازىرغىچە ساقلانماقتا، ئۇ مىلادى Ⅲ ئەسىرنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىدىكى تىپىك رىم بىناسى سۈپىتىدە كىشىلەر تەرىپىدىن ئىتىبار بىلەن قارالماقتا.