Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
سالمونېللا باكتېرىيىسى
دائىرە: بىئولوگىيە沙门氏菌
shāménshìjūn
ئۈچەي تاياقچە باكتېرىيە ئائىلىسىدىكى بىر ئۇرۇقداش، ئادەم ۋە ھايۋانلاردا كېسەل پەيدا قىلىدىغان، گرام مەنپىي خۇسۇسىيەتلىك، قوشۇمچە ئوكسىگېنسىز نەپەسلىنىدىغان بىر خىل كىچىك تاياقچە باكتېرىيە. ئەتراپتا ئۆسكەن قىل ئاياغلىرى بولىدۇ. بىخ سپورا بولمايدۇ، كۆپ ساندىكىلىرى كاپسۇلا ھاسىل قىلمايدۇ. ئۇنىڭ مورفولوگىيىسى ۋە ئۆسۈش ئالاھىدىلىكى چوڭ ئۈچەي تاياقچە باكتېرىيىسى بىلەن ئوخشاش. كۆپ ساندىكى سالمونېللا باكتېرىيىسى گىلوكوزىدىن پايدىلىنىپ كىسلاتا ۋە گاز ھاسىل قىلىدۇ. لاكتوزىنى ئېچىتالمايدۇ، لىمونات كىسلاتاسىدىن پايدىلىنىپ گىدروسۇلفىد ھاسىل قىلىدۇ. سالمۇنېللا باكتېرىيىسى <باكتېرىيىنى برېئېدچە باھالاپ بېكىتىش قوللانمىسى> نىڭ 8 - نەشرىدە فىزىئولوگىيىلىك، بىئوخىمىيىلىك، ئانتىگېنلىق ھەمدە كېسەل كەلتۈرۈپ چىقىرىش ئالاھىدىلىكلىرىگە ئاساسەن تۆت كەنچى ئۇرۇقداشقا بۆلۈنگەن ھەمدە ئانتىگېنلىق قۇرۇلۇشنىڭ ئوخشىماسلىقىغا ئاساسەن سەككىز توپقا، مىڭدىن كۆپرەك قان زەردابى تىپىغا ئايرىلغان، مۇتلەق مۇۋاپىق ئىسىم (تۈر نامى) قويۇلغان. ئۇ ئادەم ۋە ھايۋانلاردا كەڭ دائىرىدە كېسەللىك پەيدا قىلىدۇ. مەسىلەن، كېزىك سالمۇنېللا باكتېرىيىسى ئىنسانلاردىكى كېزىك كېسەللىكلىرىنىڭ كېسەل قوزغاتقۇچىسى. پاراتىف سالمونېللا باكتېرىيىسى ئىنسانلاردا پاراتىف كېسەللىكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ئات تاي تاشلاتقۇچى سالمونېللا باكتېرىيىسى ئاتنى ياي تاشلاتقۇزىدۇ ۋە باشقا كېسەللىكلەرنى پەيدا قىلىدۇ؛ چوشقا خولېرا سالمونېللا باكتېرىيىسى چوشقىدىلا سېپىتىتېسمىيە كېسەللىكى ۋە ئۈچەي ياللۇغىنى ھاسىل قىلىپ قالماستىن، يەنە ئادەملەردە ئوزۇقلۇقتىن زەھەرلىنىش ۋە سېپىتىتسېمىيە كېسەللىكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ؛ چاشقان كېزىك سالمونېللا باكتېرىيىسى چاشقاندىلا كېزىك پەيدا قىلىپ قالماي، بەلكى يەنە ئادەملەردە ئوزۇقلۇقتىن زەھەرلىنىشنى پەيدا قىلىدۇ، ئۆي ھايۋانلىرى ۋە قۇشلىرىدا پاراتىف كېسەللىكلىرىنى ۋە قوينىڭ قوزا، كالىنىڭ موزاي تاشلاش كېسەللىكلىرىنى پەيدا قىلىدۇ. سالمونېللا باكتېرىيە كېسەللىكى ئاساسەن ئوزۇقلۇق ئارقىلىق تارقىلىدۇ. ئۇنىڭ كېسەللىك كەلتۈرۈپ چىقىرىش كۈچى كۈچلۈك بولىدۇ. شۇڭا ئۇ ئېپىدېمىيىلىك ئالدىنى ئېلىش تارماقلىرىنىڭ ئاساسلىق كارانتىن قىلىش ئوبيېكىتلىرىنىڭ بىرى.
دائىرە: ئۇنىۋېرسال伤寒杆菌
shāng hán gǎn jūn
GetWord كۇللىياتى
9沙门氏菌
shā mén shì jūn
伤寒杆菌
shāng hán gǎn jūn
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ ئۇيغۇرچە–خەنزۇچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.
بۇ سۆز Lughet توپلىمىدىكى باشقا مەنبەلەردىمۇ ئۇچرايدۇ — تۆۋەندىكى تىزىملىكنى كۆرۈڭ.