Uyghurئاساسىي لۇغەت
سالار مەزھىپى
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
جۇڭگودىكى سوپىزمچى قادىرىيە ئېقىمىغا مەنسۇپ سۈلۈكلەرنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. بۇنى چىڭخەي شۇنخۇالىق سۇۋامىش (دىنىي ئىسمى نۇر مۇھەممەد بولۇپ، 1880 - يىلى تۇغۇلۇپ 1949 - يىلى ۋاپات بولغان) بەرپا قىلغان. ئۇ سالار مىللىتىدىن كېلىپ چىققان. مەزھەپنىڭ نامىنىمۇ كىشىلەر دننى تەبلىغ قىلغان ئادەمنىڭ مىللىتىنىڭ نامى بىلەن ئاتىغان. سۇۋامىش ⅩⅩ ئەسىرنىڭ 40 - يىللىرى ئابدۇل فەنتاختىن تەلىم ئالغاندىن كېيىن، شۇنخۇا ئەتراپىدا دىننى تەبلىغ قىلدى. كېيىن <پىرغا باش ئېگىپ سالام بېرىش> نى تەشەببۇس قىلغانلىقتىن، بەزى كىشىلەر ئۇنى تەنقىدلەپ، ئۇنىڭ دىننى تەبلىغ قىلىش ئىشىغا تەسىر يەتكۈزدى. سۇۋامىش ۋاپات بولغانىدىن كېيىن شۇنخۇادىكى خەي زىنو ئاخۇن دىنىي تەبلىغاتنى داۋاملاشتۇردى، 70 - يىللارنىڭ ئاخىرلىرى ئۇلار خېلى تەرەققىي قىلدى. سالار مەزھىپىنىڭ ئاساسلىق دىنىي ئەنئەنىسى ۋە قائىدە - يوسۇنلىرى مۇنداق: (1) <قۇرئان كەرىم> گە ئاساسەن ئەھكام چىقىرىدۇ، شەرىئەت بىلەن تەرىقەتكە تەڭ ئەھمىيەت بېرىشنى تەشەببۇس قىلىدۇ. (2) بامدات نامىزىدىن كېيىن <سۈرە ياسىن> نى ئوقۇيدۇ، ئاندىن جامائەت زىكر سالىدۇ. (3) مۇسۇلمانلار ئادەتتە دۇئا - تىلاۋەت قىلىدۇ. زىكرنى زىكر جەھرى (جاراڭلىق زىكر) ۋە قەسىدە سەغىر (ئۈنسىز قەسىدە) دىن ئىبارەت ئىككى خىلغا ئايرىيدۇ. (4) ئادەم جان ئۈزۈشتىن ئىلگىرى، مەرھۇمغا ئاتاپ يەتتە قېتىم كەلىمە تەييىبە ئوقۇيدۇ. جان ئۈزگەندىن كېيىن جامائەت شۇ كىشىگە ئاتاپ دۇئا قىلىدۇ. (5) نەسەبكە ۋارىسلىق قىلىشتا ئەۋلىيالىقنى بالىسىغا قالدۇرماسلىقنى يولغا قويىدۇ. (6) سەۋر قىلىش، يول قويۇش، ھۆرمەت قىلىش، تېجەشلىك بولۇشنى ئادەم بولۇپ ياشاش ۋە ئىش قىلىشنىڭ پرىنسىپى قىلىدۇ. جامائىتى 10 مىڭ ئادەمگە يېتىدۇ. ئۇلار چىڭخەيدىكى شۇنخۇادا ۋە گەنسۇدىكى لىنشا، خېجۇ ۋە لەنجۇ قاتارلىق جايلاردا ياشايدۇ.