Uyghurئاساسىي لۇغەت
سالامەتلىك
مەنىداش سۆزلۈكلەر
كېسەل، ئاغرىق - سىلاقتىن خالىيلىق.
ساقلىقىڭ - بايلىقىڭ. ئىككى نەرسىنىڭ قەدىرى يەتكەندىن كېيىن بىلىنەر: بىرى ياشلىق، بىرى سالامەتلىك. پۇلنىغۇ تاپارسەن، سالامەتلىكنى نەدىن ئالارسەن. ساغلاملىق نەدە، گۈزەللىك شۇ يەردە. تەن - تازىلىق _ زور بايلىق.
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
ساق - سالامەت ھالەت.
ئاغرىقلىق، كېسەللىك، بىتاپلىق، ساقسىزلىق
ئاغرىق - سىلاق ھالەت.
ساقلىق - پادىشاھلىق. تەنتەربىيە ئىشلىرىنى راۋاجلاندۇرۇپ، خەلقنىڭ ساغلاملىقىنى ئاشۇرايلى. سالامەتلىك - زور بايلىق. ساق - سالامەتلىك - ئەڭ زور بەخت. كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈنگەن ھامان داۋالىتىش لازىم. بىتاپلىق ماغدۇرسىزلاندۇرىدۇ. ساقسىزلىق كىشىنى ھالىدىن كەتكۈزىدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ساغلاملىق؛ جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتتىكى نورماللىق.
- ھاكىم، - دېدى رابىيە رازى بولمىغان ھالدا، - كەچكىچە ئىچسىڭىز سالامەتلىكىڭىزگە زىيان قىلمامدۇ؟