Uyghurئاساسىي لۇغەت
سالام
مەنىداش سۆزلۈكلەر
كۆرۈشكەندە دېيىلىدىغان تەكەللۇپ سۆزلەر.
«ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم» دېسە، «بەش تەڭگە بەر» دەپتۇ. ئەسسالام، _ دەپ ئېڭىشىپ سالام بەردى قىز ئاتىسىغا. بازاردا سالام يوق، نامازدا تەكلىپ. سالامغا ئىلىك _ سۈننەت. _ ياخشىمۇسىز؟ _ دېدى يىگىت قىزغا قول ئۇزىتىپ. تىنچلىقمۇ، ئوندان تۇرۇۋاتاملا دەپ تىنچ - ئامانلىق سورىشىپ كەتتى ئۇلار. تازىكەنلا، _ دېدى تۇرپانلىق دوستۇم كۆرگەن ھامان.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
بىر كىمگە قولنى كۆكسىگە ئېلىپ ياكى بويىنى ئېگىپ قىلىنغان ھۈرمەت.
بىلىكىڭ توم بولسا، دۈشمىنىڭ سالامغا كېلەر. مېۋىسىز شاخ بېشىنى كۆتۈرەر تىك، مېۋىلىك شاخ بېشى سالامغا ئېگىك. ئادەم ئەتكەنگە تەزىم ئەت. ئالدىرىغاندا ئېرى خوتۇنىغا تەزىم قىلىپتۇ.
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
كىشىلەر ئۇچراشقاندا ئېيتىلىدىغان تەكەللۇپ سۆز: ساق - سالامەت تۇردىڭىزمۇ؟
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام
سالامغا جاۋابەن ئېيتىلىدىغان تەككەللۇپ سۆز: سىزمۇ ساق - سالامەت تۇرىدىڭىزمۇ؟
<ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم> دېسە، <بەش تەڭگەمنى بەر> دەپتۇ. شېرىنئاي ئەسسالام دەپ ئۆيگە كىردى. بازاردا سالام يوق، نامازدا تەكلىپ. بوۋايغا سالام بەردىم، ئۇ ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام، دېدى ۋە ماڭا قاراپ كۈلۈپ قويدى.
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
بۇ قائىدە _ يوسۇندا قوللىنىلىدىغان ئەرەبچە سۆز بولۇپ، مەنىسى « تىچلىق »، « ئامانلىق »، « خاتىرجەملىك » دېگەنلىك بولىدۇ. بۇ قىسقارتىلمىسى بولۇپ، مەنىسى « ئاللا سىلەرگە خاتىرجەملىك ئاتا قىلغاي » دېگەنلىك بولىدۇ. بۇ سۆزنىڭ مۇنداق ئۈچ خىل شەكىلدە قوللىنىلىدۇ: (1) مۇسۇلمانلار يۈز كۆرۈشكەندە بەخت، خاتىرجەملىك تىلەپ ئىشلىتىدۇ. بۇنداق قىلىش پۈتۈن دۇنيادىكى مۇسۇلمانلارنىڭ تۇرمۇشىدىكى ئەنئەنىۋى قائىدە بولۇپ، « سالام قىلىش »، « سالام بېرىش » دېيىلىدۇ. بۇنىڭغا « ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام » ( ئاللا سىلەرگىمۇ خاتىرجەملىك ئاتا قىلسۇن ) دەپ جاۋاب بېرىلىدۇ. سالام قىلغاندا ئالدىدا تۇرغان بىر ياكى بىر نەچچە ئادەم بولۇشىدىن قەتئىنەزەر، كۆپلۈك ئاتالغۇسى _ « سىلەر » سۆزى قوللىنىپ، قارشى تەرەپكە بولغان ھۆرمەت ئىپادىلىنىدۇ. مۇسۇلمانلار ئۆزىگە سالام قىلغان ئادەمگە چوقۇم « ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام » دەپ جاۋاب قايتۇرۇشى كېرەك. بەزىدە شۇ سۆزنىڭ كەينىگە « ۋەرەھمەتۇللاھ ۋەبەرىكەتۇھۇ » دېگەن سۆز قوشۇلۇپ تېخىمۇ يېقىملىق تۇيۇلىدۇ. ئۇزۇنغىچە كۆرۈشمىگەن بەزى كىشلەر سالاملىشىش بىلەن بىللە قول ئېلىشىدۇ. قۇچاقلىشىدۇ؛ بەزىلەر سالام قىلغاندا ۋە سالامغا جاۋاب بەرگەندە ئوڭ قولىنى كۆكسىگە قويىدۇ؛ بەزىلەر ئوڭ قولى بىلەن بىر _ بىرىنىڭ قولىنى تۇتۇپ، سول قولىنى قارشى تەرەپنىڭ ئوڭ مۈرىسىگە قويىدۇ؛ بەزىلەر ئىككى قولىنى تۇتۇپ كۆرۈشىدۇ. جۇڭگودىكى ( خۇيزۇلار ئارىسدىكى ) سەلەفىيلەر ئوڭ قولىنى تۇتۇشۇپ، قارشى تەرەپكە بارمىقىنى چىقىرىدۇ. سالاملىشىشنىڭ بۇ شەكىللىرى چىن دىلىدىكى تىلەكلىرىنى ئىپادىلەپ، قېرىنداشلاردەك يېقىن ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. سىرتتىن كەلگەنلەر شۇ يەردىكى كىشلەرگە، ئاز ساندىكى ئادەم كۆپ ساندىكى ئادەمگە، كىچىكلەر چوڭلارغا، ئۇلاغلىق ئادەم پىيادە كېتىپ بارغان ئادەمگە، مېھمان ساھىپخانا ئاۋۋال سالام قىلىدۇ. مۇسۇلمانلار ئاخۇنۇمغا، شاگىرتلار ئۇستازغا، ئەر كىشى خوتۇن كىشىگە، ئېرى خوتۇنىغا ئاۋۋال سالام قىلىدۇ. سالامنى كىمكى ئاۋۋال ئاڭلىغان بولسا، شۇ كىشى باشقىلاردىن بۇرۇن « ۋەئەلەيكۇن ئەسسالام » دېيىشى كېرەك. (2) مۇسۇلمانلار خەت ئالاقىسى قىلغاندا ياكى مۇئەييەن سورۇندا ۋەز ئېيتقان، نۇتۇق سۆزلىگەندە قارشى تەرەپكە ۋە ئاڭلىغۇچىلارغا سالام بېرىشى كېرەك. (3) مۇسۇلمانلار ناماز ئوقۇغاندا ئەتتەھىياتۇدا ئولتۇرۇش تاماملانغاندا ئوڭ ۋە سول تەرەپلىرىگە قاراپ سالام قىلىدۇ. مۇسۇلمانلار مىيىت نامىزىنى چۈشۈرۈپ بولغاندا ئوڭ ۋە سول مۈرىلىرىگە قاراپ سالام بېرىپ، قائىدىنىڭ بەجا كەلتۈرۈلگەنلىكىنى ئىپادىلەيدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
لۇغەت مەنىسى: <تىنچلىق، ئامانلىق>. تىلىمىزدا قاراتما سۆزلەرنىڭ ئالدىدا كېلىپ، <تىنىچ - ئامانمۇ سىز (سىلەر)؟> دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ.
سالام ئادىلە، قانداق ئەھۋالىڭ يازلىق تەتىلنى ياخشى ئۆتكۈزدۈڭمۇ؟
يېنىدا بولمىغان كىشىگە ئۆزىنىڭ ئامان - ئېسەنلىكىنى ئىزھار قىلغان ۋە ئۇنىڭمۇ ئامان - ئېسەن بولۇشى ئۈمىد قىلىنغان تىلەك؛
ئىنىكئانا مەلىكىنىڭ سالىمىنى يەتكۈزۈپ، ئۇلارنى مېھمانخانىغا تەكلىپ قىلدى.
ئەرلەرنىڭ ئىسمى.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
ئەرلەرگە خاس ئىسىم
ئەرەبچە
تىنچ، بىخەتەر، جىمجىت؛ سالام يوللىماق، ھۆرمەت بىلدۈرمەك؛ تىنچلىق