Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
ساكسېن خاندانلىقى
دائىرە: دۇنيا تارىخى萨克森王朝
sà kè sēn wáng cháo
گېرمانىيىدىكى فېئودال خاندانلىق (919 - 1024). ساكسېن كىنەز ھىنرى Ⅰ(قۇشچى) قۇرغان. ھۆكۈمرانلىق دەۋردە، رىتسارلار ۋە ئەمەلدارلارغا تايىنىپ، دىنىي جەمئىيەت كۈچلىرىنى يۆلەپ (<ئوتتو ئىمتىيازى>غا قاراڭ)، چوڭ فېئوداللار بىلەن كۈرەش قىلىپ، پادىشاھ ھاكىمىيىتىنى كۈچەيتكەن. پولابى سلاۋيانلىرىنىڭ يەرلىرىنى تارتىۋېلىپ، يەرلىك ئاھالىنى خىرىستىئان دىنىغا كىرىشكە مەجبور قىلغان. ئىتالىيىگە بىرنەچچە قېتىم بېسىپ كىرىپ، ئىتالىيە ئاقسۆڭەكلىرى بىلەن پاپا ئوتتۇرىسىدىكى كۈرەشكە ئارىلاشقان. مىلادى 962 - يىلى، پاپا ئوتتوⅠ گە تاج كىيگۈزگەندىن تارتىپ ئىمپېراتور دەپ ئاتالغان. بۇ مۇقەددەس رىم ئىمپېرىيىسىنىڭ باشلىنىشى بولغان. ئۇنىڭ ھۆكۈمرانلىرى ۋە ئۇلارنىڭ تەختتە ئولتۇرغان يىللىرى مۇنداق: ھېنرى Ⅰ (919 - 936)، ئوتتو Ⅰ (369 - 973)، ئوتتو Ⅱ (973 - 983)، ئوتتو Ⅲ (983 - 1002)، ھېنرى Ⅱ (1002 - 1024). 1024 - يىلى فرانكىنىيە خاندانلىقى ئۇنىڭ ئورنىنى دەسسىگەن.
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ ئۇيغۇرچە–خەنزۇچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.
بۇ سۆز Lughet توپلىمىدىكى باشقا مەنبەلەردىمۇ ئۇچرايدۇ — تۆۋەندىكى تىزىملىكنى كۆرۈڭ.