Uyghurئاساسىي لۇغەت
ساكېراي
دۇنيا تارىخى
(1811 - 1863) ئەنگىلىيىلىك يازغۇچى. يۇقىرى دەرىجىلىك باي خىزمەتچى ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققان. بالا چېغىدا دادىسى ئۆلۈپ كېتىپ، نۇرغۇن مىراسقا ئىگەبولغان. كېيىن بانكا ۋەيران بولۇپ، نامرات ھالغا چۈشۈپ قالغان. دەسلەپ قانۇن ئۆگىنىپ مۇۋەپپىقىيەت قازىنالمىغان، كېيىن يازغۇچى بولۇپ قالغان. 1848 - يىلى ئېلان قىلغان ۋەكىللىك خاراكتىرىگە ئىگە رومانى <نام - مەنپەئەت مەيدانى> دا ئاقسۆڭەكلەرنىڭ چىرىكلىشىپ چۈشكۈنلىشىشى ۋە بۇرژۇئازلارنىڭ ئاچكۆزلۈكى - ساختىپەزلىكى قاتتىق مەسخىرە قىلىنغان. قالغان ئەسەرلىرى ئىچىدە روماندىن <پەندىنىنىس>، <نېۋكوم ئائىلىسى>، تارىخىي روماندىن <ھېنرى ئېسماندىنىڭ تارىخى> ۋە ئۇنىڭ داۋامى بولغان <ۋىرگىنىيىلىكلەر>، نەسرىي ئەسىرىدىن <بايلىق ۋە مەرتىۋىچىلەر> قاتارلىقلار بار. 50 - يىللاردا سىياسىي جەھەتتىكى رادىكاللاردىن بولۇپ، كاپىتالىزم جەمئىيىتىدىكى باراۋەرسىزلىك ۋە ئەخلاقسىزلىقلارنى ئەيىبلىگەن. ئۆمرىنىڭ ئاخىرىدا ئۈمىدسىزلىك ئىدىيىسىدە بولۇپ، ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنى ياخشىلىغىلى بولمايدۇ، دەپ قارىغان.