Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
撒克逊人
دۇنيا تارىخى
ساكسونلار
قەدىمكى گېرمانلارنىڭ بىر تارمىقى. دەسلەپتە رېيىن دەرياسىنىڭ تۆۋەنكى ئېقىمى بىلەن ئېلبا دەرياسى ئوتتۇرىسىدىكى رايون (بۈگۈنكى فېدراتىپ گېرمانىيەنىڭ تۆۋەن ساكسونىيە ئوبلاسىتى) غا جايلاشقان. مىلادى Ⅴ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرىدىن ئىېتىبارەن بىرقىسىم ساكسونلار دېڭىزدىن ئۆتۈپ، برىتانىيىگە بېرىپ، ئانگلولار، جۇتلار بىلەنبىرلىشىپ، ئانگلو - ساكسونلارنى شەكىللەندۈرگەن. ياۋروپا قۇرۇقلۇقىدا ئولتۇراقلاشقان ساكسونلار ساكسىنلار (نېمىسچە Sachsen) دەپ ئاتالغان. كېيىن ئېمپېراتور چارلىس تەرىپىدىن بويسۇندۇرۇلغان، ئۇلارنىڭ زېمىنى فرانك پادىشاھلىقىغا قوشۇۋېتىلگەن. ساكسونلار ئارىسىدىكى فېئوداللىق مۇناسىۋەت راۋاج تاپقانلىقتىن 841 - يىلى سىتلىنكا قوزغىلىڭى پارتلىغان. 843 - يىلى ئىمزالانغان <ۋېردېن شەرتنامىسى> غا ئاساسەن، ساكسونىيە شەرقىي فرانك پادىشاھلىقىنىڭ بىر قىسمى بولۇپ قالغان. كېيىن ساكسونلار باشقا گېرمانلارغا قوشۇلۇپ، يېقىنقى زامان نېمىسلارنى شەكىللەندۈرگەن.