Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
سايئونجى كىمموچى
دۇنيا تارىخى
西园寺公望
xī yuán sì gōng wàng
(1849 - 1940)ياپونىيە باش ۋەزىرى (1906 - 1908، 1911 -1912). كيوتو تۆرىسى سېكا جەمەتىدىن، توكۇ دائىجى كىمئاتسۇنىڭ ئىككىنچى ئوغلى، سايئونچى جەمەتىگە ۋارسلىق قىلغان. پادىشاھلىق ھاكىمىيەتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش مەزگىلىدە مەسلىھەتچى بولغان. 1868 - يىلدىكى ئۇرۇشتاسانئىندو باسقاق ۋالىيسى، ئائىنزاۋا جازا يۈرۈشىنىڭ باش شتاب باشلىقى بولغان. 1871 - 1880 - يىللىرى فرانسىيىگە بېرىپ ئوقۇغان. دۆلىتىگە قايتىپ بارغاندىن كېيىن مېيجى قانۇن مەكتىپىنى ئاچقان. 1881 - يىلى ناكائې چومىن بىلەن بىللە <ياپونىيە ئەركىن خەۋەرلىرى>نى چىقىرىپ، ئۇنىڭ باشلىقى ۋە قوشۇمچە باش مۇھەررىرى بولغان، كېيىن ئىستپا بېرىشكە مەجبور بولغان. 1882 - يىلى ئىتو خىرويۇمى بىلەن بىللە ياۋرۇپاغا بېرىپ ئاساسىي قانۇنلارنى تەكشۈرگەن. 1887 - 1891 - يىللىرى گېرمانىيە ۋە ئاۋستىرىيىدە ئەلچى بولۇپ تۇرغان. 1894 - 1898 - يىللىرى ئۈچ قېتىم مۈلكىي ئىشلار ۋەزىرى بولۇپ، دۆلەتچىلىك مائارىپ فاڭجىنىنى يۇمشاتقان. 1900 - 1903 - يىللىرى مەركىزىي پالاتانىڭ باشلىقى بولغان. 1903 - 1914 - يىللىرى ئاساسىي قانۇن چىقارغۇچى مەسلەكداشلار جەمئىيىتىنىڭ لىدىرى بولغان. 1906 - يىلى باش ۋەزىر بولغان، كېيىن مالىيە قىيىنچىلىقى سەۋەبىدىن ئىستىپا بەرگەن. 1911 - يىلى يەنە بىرقېتىمكابېنت ئۇيۇشتۇرۇپ، ئىككى دىۋىزىيە كۆپەيتىپ تەسىس قىلىشقا قارشى تۇرۇپ، قۇرۇقلۇق ئارمىيىسى بىلەن قارشىلىشىپ قالغانلىقتىن، ئىككىنچى يىلى ئىستىپا بەرگەن. شۇنىڭدىن كېيىن ئالىي مەسلىھەتچى بولغان. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، 1919 - يىلى ھۆكۈمەت ۋەكىللەر ئۆمىكىنى باشلاپ پارىژغا بېرىپ سۈلھ يىغىنىغا قاتناشقان. 1924 - يىلى ماتسۇكاتا ماسايوشى ئۆلگەندىن كېيىن، ھايات قالغان بىردىنبىر ئاقساقال سۈپىتىدە، ھەر قېتىملىق كابېنت ئۆزگىرىشى بولغاندا، تېننوغا باش ۋەزى نامزاتىنى كۆرسىتىپ بېرىپ تۇرغان. 15 - ماي ۋەقەسىدىن كېيىن، ئارمىيە تەرەپنىڭ كۈچىنى باسماقچى بولغان بولسىمۇ، لېكىن ھېچقانداق ئىشنى باشقا ئېلىپ چىقالماي، ئاخىرى قېرىپ ئۆلگەن.