Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
سايگو تىسۇگۇمىچى
دۇنيا تارىخى
西乡从道
xī xiàng cóng dào
(1843 - 1902)ياپونىيە دېڭىز ئارمىيە مارشالى. ساتسۇما ۋاسسالى ئائىلىسدە تۇغۇلغان. سايگو تاكامورىنىڭ ئىنىسى. مېيجىنىڭ دەسلەپكى يىللىرىداياۋرۇپاغا بېرىپ ھەرقايسى ئەللەرنىڭ ئارمىيە تۈزۈمىنى تەكشۈرگەن. 1870 - يىلى ئەسكىرىي قىسىملارنىڭ ھوقۇقلۇق باش ۋەزىرى، 1873 - يىلى قۇرۇقلۇق ئارمىيىنىڭ باش ياردەمچىسى بولغان. 1874 - يىلى تەيۋەن قارام يەرلەر ئىشلىرى تۇتۇقى بولۇپ، تەيۋەندىكى گاۋشەن كىشىلىرى ريۇكيۇدىكى سەرگەردان مۇساپىرلارغا زىيان يەتكۈزدى، دېگەننى باھانە قىلىپ، لەشكەر باشلاپ، جۇڭگونىڭ تەيۋەن ئۆلكىسىگە تاجاۋۇز قىلىپ، چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتى 500 مىڭ سەر كۈمۈش تۆلەشكە مەجبور قىلغان.1877 - يىلى مۇھاپىزەتچىلەر تۇتۇقى بولغان. 1878 - يىلدىن باشلاپ ئىلگىرى - كېيىن مەمۇرىي ئىشلار كاتىپى، قۇرۇقلۇق ئارمىيە كاتىپى، شتاب باشلىقى، يېزا ئىگىلىك سودا ئىشلىرى كاتىپى، دېڭىز ئارمىيە كاتىپى بولغان. 1885 - يىلدىكى ئىتو كابىنېتىدىن باشلاپ،يەتتە قېتىم دېڭىز ئارمىيە ۋەزىرى، ئۈچ قېتىم ئىچكى ئىشلار ۋەزىرى ھەمدە بىرمەھەل قوشۇمچە يېزا - ئىگىلىك سودا ۋەزىرى بولغان.جۇڭگو - ياپونىيە جياۋۇ ئۇرۇشى مەزگىلىدە،دېڭىز ئارمىيە ۋەزىرى، قوشۇمچە قۇرۇقلۇق ئارمىيە ۋەزىرى سۈپىتىدە قۇرۇقلۇق ۋە دېڭىزئارمىيىسى ئەۋەتىپ، چاۋشىيەن ۋە جۇڭگوغا قارشى تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشى ئېلىپ بارغان.