Uyghurئاساسىي لۇغەت
سايگون شەرتنامىسى
دۇنيا تارىخى
فرانسىيە ۋېيتنامىنىڭ نگۇيېن سۇلالىسىنى مەجبورلاپ سايگوندا ئىمزالىغان تەڭسىز شەرتنامە. جەمئىي ئىككى قېتىم ئىمزالىغان: بىرىنچى قېتىمقىسى،1858 - يىلى فرانسىيە، ئىسپانىيە ۋېيتنامغا تاجاۋۇز قىلىپ كىرىپ، 1862 - يىلى 6 - ئاينىڭ 5 - كۈنى ۋېيتنام بىلەن بۇ شەرتنامىنى ئىمزالىغان. جەمئىي 12 ماددا بولۇپ ئاساسىي مەزمونى: ۋېيتنام بېن - خۇا، جيادىڭ،دىڭشياڭ ئۈچ ئۆلكىنى ۋە كۇلۇن ئارىلىنى فىرانسىيىگە بۆلۈپ بېرىش، فرانسىيە بىلەن ئىسپانىيەگە تۆت مىليون پېسېتا (ئىسپانىيە كۈمۈش پۇلى) تۆلەم بېرىش؛ فرانسيە بىلەن ئىسپانىيىگە تۇلۇن، بالا ۋە گۇاڭئەن پورتلىرىنى ئېچىپ بېرىش؛ فرانسىيە پاراخوتلىرى مىكونگ دەرياسىدا ئەركىن قاتناش؛ كاتولىك دىنىنى ئەركىن تارقىتىشقا يول قويۇش؛ فرانسىيەنىڭ ماقۇللىقىىدىن ئۆتكۈزمەي تۇرۇپ، باشقا دۆلەتلەرگە يەر بۆلۈپ بەرمەسلىك. ئىككىنچى قېتىمقىسى 1874 - يىلى 3 - ئاينىڭ 15 -كۈنى فرانسىيە بىلەن ۋېيتنام ئىمزالىغان. جەمئىي 22 ماددا بولۇپ، شەرتنامىگە ئاساسەن، ۋېيتنام فرانسىيەنىڭ ئىگىلىۋالغان جەنۇبىي چېگرىدىكى ئالتە ئۆلكىگە <ئىگىلىك ھوقۇقى> يۈرگۈزۈشنى ئېتىراپ قىلىش؛ ۋېيتنامنىڭ تاشقى سىياسىتى فرانسىيەنىڭ تاشقى سىياسىتىگە ئۇيغۇن بولۇش؛ فرانسىيىگە كۇينون، خەيفوڭ، خانوي ماتۇلىرىنى ۋە قىزىل دەريا قاتنىشىنى ئېچىپ بېرىش؛ فرانسىيىلىكلەرنىڭ كونسۇلىنىڭ ھۆكۈم قىلىش ھوقۇقىدىن بەھرىمان بولۇشقا يول قويۇش؛ كاتولىك دىنىغا تولۇق ئەركىنلىك ۋە كۆپلەپ ئىمتىياز بېرىش. سايگون شەرتنامىسى ۋېيتنامنىڭ فرانسيەنىڭ مۇستەملىكىسىگە ئايلىنىشىغا باشلىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.