Uyghurئاساسىي لۇغەت
ساھىل
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
دەريا، دېڭىز، كۆللەرنىڭ بويى، قىرغاق:
باشلەبان ئول چېرىكنى ساھىل ئىلە،
سۇ ياقىسىدەغى مەنازىل ئىلە.
نەۋايى.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
سۇنىڭ چېتى، دېڭىز - دەريا قىرغىقى، بويى.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
دەريا، دېڭىز، كۆللەرنىڭ ئەتراپى.
كىچىك قولۋاقنىڭ قىرغاققا يېقىن ئۈزگىنى ياخشى. ئېقىن سۇ ئالدى بىلەن قاشنى بۇزىدۇ. بىلىم دېڭىزىنىڭ ساھىلى بولماس. دەريا بويى سالقىن بولىدۇ. كۆلنىڭ قىرىدا ئولتۇرۇپ دەم ئالدۇق. گىرۋىكى يوق ئېرىقتا سۇ يېيىلىپ ئاقىدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
دېڭىز، دەريا، كۆللەرنىڭ قىرغىقى، بويى.
پاراخوت بارغانسېرى دېڭىز ساھىلىغا يېقىنلاپ كەلدى.
كۆچمە. ئەتراپ، دائىرە.
سامساق مەن ئۆگەنگەن دەستۇرلاردا قۇرساق ساھىلىگە مۇناسىپ دورىلاردىن بىرى ئىكەن.