Uyghurئاساسىي لۇغەت
ساڭگىلىماق
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پىئېل
پەسكە قاراپ ئېسىلىپ تۇرماق؛ تۆۋەنگە قاراپ ئېگىلمەك، سېلىنماق.
مۆمىن تارتىپ يىرتىۋەتكەن كۆڭلىكىمنىڭ ياقىسى ھەم يېڭىمۇ تىزىمغىچە ساڭگىلاپ تۇراتتى.
قەدىردىننىڭ بېشى ئىختىيارسىز مەيدىسىگە ساڭگىلىدى.
كۆچمە. بوشاشماق، سولاشماق.
بىراق ئەنۋەر ساڭگىلاپ، ئەتىگەندە گاڭگىراپ، ئۇيقۇسىنى ئاچالماي چايمۇ ئىچمەي ئالدىراپ.