Uyghurئاساسىي لۇغەت
ساغ
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
كېسەل ئەمەس، ساغلام، ساق، سالامەت.
ئەس - ھوشى جايىدا، ھوشيار:
فالۇرلار ئاغزىن ئاچىب ئىشىق ئەھلى بۇياندىن،
ساغ ئەلگە كۈلگۈ ئېرۇر تەلبە ئەيلەگەن ھەرەكەت.
نەۋايى.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
ئوڭ، ئوڭ تەرەپ، ئوڭ ياق.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ساق، ساغلام؛ پاك؛ جەۋھەر.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
جەنۇبغا قارىغاندا غەرب تەرەپ.
ئوڭ قول. ئوڭ قول ۋەزىر. ئوڭ كاچىتىڭغا ئۇرغاننىڭ سول كاچىتىغا سال. ئوك كۆز بىلەن قارىماق. ئوڭ كۆز سول كۆز بىلەن دوست ئەمەس.
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
ئەقىل.
ئوغۇزچە.
3 - 210
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
زېرەكلىك، پەم.
سەندە ساغ يوق _ سەندە پەم يوق.
ئوغۇزچە.
3 - 210
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
ساق، ساغلام.
يېنىڭ ساغمۇ _ تېنىڭ ساقمۇ. ساغ سۇۋ _ ساق سۇ،ساپ سۇ.
3 - 210
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
ساغ ئەلىك _ ئوڭ قول. تۈركلەر بۇ سۆزلەرنى بىلمەيدۇ.
ئوغۇزچە.
3 - 210
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
ساۋا.
يۇڭ ساۋايدىغان چىۋىق.
3 - 210
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
ساغ ياغ _ سېرىق ياغ، سېرىق ماي.
3 - 210
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
ساپ.
ساغ كۆڭۈل _ ساپ كۆڭۈل، ئاق كۆڭۈل.
3 - 210
قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرى
پاكىز