Uyghurئاساسىي لۇغەت
سادوزائى خاندانلىقى
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
(1747 - 1818)ئافغانىستاندىكى ئىسلام خاندانلىقى كۆزدە تۇتۇلىدۇ. <دۇررانى سۇلالىسى> دەپمۇ ئاتىلىدۇ. 1747 - يىلى پرسىيە پادىشاھى نادىر شاھ قەستلەپ ئۆلتۈرۈلۈپ، ۋەزىيەت مالىمان بولغان پۇرسەتتىن پايدىلانغان ئافغانىستاندىكى قەبىلىلەر مۇستەقىل بولدى. ئەلتەرىقەتى سۇفىيەنىڭ قوللىشى ئارقىسىدا، ئابدال قەبىلىسىدىكى سادوزائى جەمەتىنىڭ ئاقساقىلى ئەھمەد شاھ (1724 - 1773) پادىشاھلىققا سايلاندى. قەندەھار پايتەخت قىلىندى. بۇ يەر <دۇرىي دۇرران> (مەرۋايىتلار ئىچىدىكى مەرۋايىت) دەپ ئاتالدى. قەبىلمۇ <دۇررانى> دېگەن نام بىلەن ئاتالدى، ئەھمەد شاھ تەختتە ئولتۇرغان دەۋردە زېمىنىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىپ، شەرقتە پەنجاپتىن غەربتە كاسپى دېىزىغىچە، بولغان ئارىلىقتا، ئوسمانلى ئىمپېرىيىسىدىن قالسىلا، ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدىغان كۈچلۈك مۇسۇلمان سۇلتانلىقى بولۇپ قالدى. تۆمۈر شاھ (1773 - يىلىدىن 1793 - يىلىغىچە تەختتە ئولتۇرغان) تەختكە ۋارىسلىق قىلغاندىن كېيىن، پايتەختنى كابولغا يۆتكىدى. ئىچكى نىزالار تۈپەيلىدىن سۇلالە ئاجىزلاپ زېمىنى كۈنسايىن ئازىيىپ باردى. مەھمۇد شاھ (1800 - يىلىدىن 1803 - يىىغىچە، 1809 - يىلىدىن 1818 - يىلىغىچە ئىككى قېتىم تەختتە ئولتۇرغان) گالۋاڭ - رەھىمسىز بولغاچقا، قەبىلە ئاقساقاللىرى ۋە دىنىي كۈچلەر تەرىپىدىن ئاغدۇرۇلغاندىن كېيىن پرسىيىگە قېچىپ كەتتى. 1826 - يىلى بەراكزائى قەبىلىسىنىڭ ئاقساقىلى دوسىت مۇھەممەد (1793 - 1836) بەراكزائى سۇلالىسى (1826 - 1973) نى قۇرۇپ، ئافغانىستانغا ھۆكۈمرانلىق قىلدى.