Uyghurئاساسىي لۇغەت
سادات
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
ئابرۇيلۇق، مۆتىۋەر ئادەملەر.
دۇنيا تارىخى
(1918 - 1981) مىسىر زۇڭتۇڭى (1970 - 1981). ماننوفىيە ئۆلكىسى مېتىئابقۇم كەنتىدە تۇغۇلغان. 1936 - 1938 - يىللىرى ھەربىي شۆيۈەنىدە ئوقۇغان. ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن قۇرۇقلۇق ئارمىيە ئالاقە قىسىملىرىدا ئوفىتسىر بولغان. 1942 - يىلى ئەنگىلىيەنىڭ ئىشغالىيىتىگە قارشى تۇرغانلىقتىن، قولغا ئېلىنىپ تۈرمىگە تاشلانغان. 1949 - يىلى قويۇپ بېرىلگەندىن كېيىن، ئىلگىرى - ئاخىر بولۇپ مۇخبىر، ھۆددىگەر ۋەشوپۇر بولغان. 1950 - يىلى يەنە ئەسكەرلىككە كىرگەن، ياندۇرقى يىلى پولكوۋنىكلىققا كۆتۈرۈلگەن. ناسىر رەھبەرلىكىدىكى ئەركىن ئوفىتسىرلار تەشكىلاتىغا ۋە 1952 -يىلدىكى پادىشاھ فارۇقنى ئاغدۇرۇپ تاشلىغان ئىيۇل ئىنقىلابىغا قاتناشقان، ئىنقىلابىي يىتەكچىلىك كومىتىتىنىڭ ئەزاسى بولغان. 1953 - يىلى<جۇمھۇرىيەت گېزىتى> نىڭ مەسئۇل مۇھەررىرى بولغان. 1954 -1956 - يىللىرى دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرى بولغان. 1957 - 1960 - يىللىرى مىللىي پارلامېنتنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بولغان. 1957 - 1961 - يىللىرى مىللىي ئىتتىپاقنىڭ باش سېكرىتارى بولغان 1958 - 1960 - يىللىرى مىسىر ئىسلام قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى، خەلقئارا ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ باش كاتىپى بولغان. 1960 - 1968 - يىللىرى مىللىي پارلامېنتنىڭ باشلىقى بولغان. 1964 - 1966 - يىللىرى مۇئاۋىن زۇڭتۇڭ بولغان. 1968 - يىلى ئەرەب سوتسىيالىستىك ئىتتىپاقىنىڭ سىياسىي ئىشلار سېكرىتارى بولغان. 1969 - يىلى يەنە مۇئاۋىن زۇڭتۇڭ بولغان. 1970 - يىلى ناسىر ۋاپات بولغاندىن كېيىن زۇڭتۇڭلۇققا سايلانغان. 1972 - يىلدىن تارتىپ قوشۇمچەقوراللىق قىسىملارنىڭ ئالىي قوماندانى بولغان. 1973 - يىلى ئىسرائىلىيە ئىشغال قىلىۋالغان جايلارغا قارىتا قوغدىنىش يۈزىسىدىن قايتۇرما زەربە بېرىش ئۇرۇشىنى قوزغىغان. 1974 - يىلى ئامېرىكا بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەتنى ئەسلىگە كەلتۈرگەن ھەمدە ئىسرائىلىيە بىلەن توقۇنۇشتىن ساقلىنىش توغرىسىدا ئىككى كېلىشىم ئىمزالىغان. 1979 - يىلى <مىسىر - ئىسرائىلىيە سۈلھ شەرتنامىسى>نى ئىمزالىغان. ئۇنىڭدا ئىككى تەرەپ ئۇرۇش ھالىتىنى ئاياغلاشتۇرۇش، ئىسرائىلىيە سىناي يېرىم ئارىلىدىن باسقۇچقا بۆلۈپ چىقىپ كېتىش بەلگىلەنگەن. 1981 - يىل 10 - ئاينىڭ 6 - كۈنى، ھەربىي پاراتتا زىيانكەشلىككە ئۇچراپ ۋاپات بولغان. ئۇنىڭ ئەسەرلىرى <ئىنقىلاب تارىخى>، <نىل دەرياسىدىكى قوزغىلاڭ> قاتارلىقلار.