Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
سابھا
دائىرە: دۇنيا تارىخى萨波
sà bō
<يىغىن زالى> دېگەن مەنىدە. قەدىمكى ھىندىستاندىكى ئارىيا قەبىلىسىنىڭ دېموكراتىك ئاپپاراتلىرىدىن بىرى. ئومۇمەن قەبىلىنىڭ كېڭەش يىغىنى ھېسابلىنىدۇ، ئۇ قەبىلىدىكى ئاز ساندىكى يۇقىرى قاتلام كىشىلەر يەنى مۆتىۋەرلەردىن تەركىب تاپىدۇ. بۇ يەردە قەبىلە ئىشلىرى يىغىنى ئۆتكۈزۈلىدۇ، شۇنىڭدەك باشقا ئىجتىمائىي پائالىيەتلەر ئۆتكۈزىلىدۇ. ئاريالارنىڭ دەسلەپكى ۋېدا دەۋرىدە <پادىشاھ ھوقۇقى> غا قارىتا مەلۇم چەكلەش كۈچىگە ئىگە بولغان؛ دۆلەت شەكىللەنگەندىن كېيىن، ئاستا - ئاستا بىرخىل ئاقسۆڭەكلەر تەشكىلاتىغا ئايلانغان ياكى پادىشاھنىڭ مەسلىھەت ئاپپاراتى بولۇپ قالغان.
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ ئۇيغۇرچە–خەنزۇچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.
بۇ سۆز Lughet توپلىمىدىكى باشقا مەنبەلەردىمۇ ئۇچرايدۇ — تۆۋەندىكى تىزىملىكنى كۆرۈڭ.