Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
رېۋىزىئونىسزم
دۇنيا تارىخى
修正主义
xiū zhèng zhǔ yì
خەلقئارا ئىشچىلار ھەرىكىتىدە ماركسىزم بايرىقىنى كۆتۈرۈۋېلىپ ماركسىزمغ قارشى تۇرىدىغان ئاغمىچى پىكىر ئېقىمى. ⅩⅨ ئەسىرنىڭ 90-يىللىرى مەيدانغا كەلگەن. ئۇنىڭ ئىجتىمائىي ئاساسى كاپىتالىزم <تىنچ> راۋاجلانغان مەزگىلىدە پەيدىنپەي شەكىللەنگەن ئىشچى ئاقسۆڭەكلەر تەبىقىسى، شۇنىڭدەك ئىشچىلار سىنىپىنىڭ قوشۇنىنى تولۇقلىغان ئۇششاق بۇرژۇئازىيىدىن ئىبارەت. ماركسىزمنىڭ نەزەرىيىۋى جەھەتتىكى غالبىسى، ئۇنىڭ دۈشمەنلىرىنى ماركسىزم تونىغا ئورۇنۇۋېلىپ ماركسىزمغا قارشى تۇرۇشقا مەجبۇر قىلغان. ئېنگېلس ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن، گېرمانىيە سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيىسىنىڭ ئەزاسى بېرنىشتېيىن ئوچۇقتىن - ئوچۇق ماركسىزمغا ئومۇميۈزلۈك <تۈزىتىش> كىرگۈزۈشنى ئوتتۇرىغا قويغاچقا شۇنداق دەپ ئاتالغان. بېرنشتېيىنىزم دەپمۇ ئاتىلىدۇ. بېرنشتېيىندىن كېيىنكى ئاساسلىق ۋەكىلى كائوتىسكىي، رۋېىزىئونىزم بۇرژۇئازىيىنىڭ ئىدىيە سىستېمىسى ئارقىلىق ماركسىزمنىڭ ئىدىيە سىستېمىسىنى ئىنكار قىلغان، ماركسىزمنىڭ تۈپكى پرىنسىپلىرىنى ئىنكار قىلغان، ماركسىزمنىڭ تۈپكى پرىنسىپلىرىنى ئىنكار قىلغان. پەسلەپە جەھەتتە دىئالېكتىك ماتېرىيالىزم ۋە تارىخىي ماتېرىيالىزمدىن يۈز ئۆرۈپ، ھەدەپ ئىدېئالىزم ۋە مېتافىزىكىنى تەرغىپ قىلغان؛ سىياسىي ئىقتىساتشۇناسلىق جەھەتتە بولسا ماركسىزمنىڭ قوشۇمچە قىممەت تەلىماتىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈپ، كاپىتالىزمنىڭ زىدىديەتلىرىنى كۈچەپ يوشۇرۇپ، كاپىتالىزم تۈزۈمدىكى ئىقتىسادىي كرىزىس ۋە سىياسىي كرىزىسنى ئىنكار قىلغان؛ سىياسىي جەھەتتە سىنىپلار ھەمكارلىقى ۋە كاپىتالىزمنىڭ سوتسىيالىزمغ <تىنچ ئۆسۈپ كىرىش> نى تەرغىپ قىلىپ، ماركسىزمنىڭ سىنىپىي كۈرەش تەلىماتىغا، پرولېتارىيات ئىنقىلابىي ۋە پرولېتارىيات دىكتاتۇرىسىغا قارشى چىققان. ئىشچىلار ئاممىسىنى ۋاقىتلىق مەنپەئەتىنى دەپ پرولېتارىيات پارتىيىسىنىڭ كوممۇنىزمدىن ئىبارەت ئەڭ ئاخىرقى نىشان ئۈچۈن كۈرەش قىلىش ۋەزىپىسىنى ئىنكار قىلغان. ⅩⅪ ئەسىرنىڭ ئاخىرى، ⅩⅩ ئسىرنىڭ باشلىرى جاھانگېرلىك دەۋرىنىڭ يېتىپ كېلىشىگە ئەگىشىپ، ياروپادىكى دۆلەتلەردە بىر مەھەل ئەۋىج ئېلىپ، ئاخىرى خەلقئارالىق ھادىسىگە ئايلانغان. لېكىن ماركسىزمنىڭ ئىنقىلاب تۇغىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، پۈتۈن دۇنيا پرولېتارلىرىنىڭ رېۋىزىئونىزم بىلەن قەتئىي كۈرەش قىلىشىغا رەھبەرلىك قىلغان.