Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
رۋاندا
دائىرە: دۇنيادىكى دۆلەتلەر非洲
卢旺达
lú wàng dá
ئافرىقىنىڭ خاسىيەتلىك تۇپرىقى
رۋاندانىڭ تولۇق نامى <رۋاندا جۇمھۇرىيىتى> بولۇپ، شەرقىي ئافرىقىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى ئىچكى قۇرۇقلۇققا جايلاشقان. رۋاندا بۇرۇن رىئاندا دەپ ئاتالغان بولۇپ، بۇ نام بۇ يەرلىك ئاھالىلەرنىڭ نامىدىن ئېىنغان، مەنىسى ئېنىق ئەمەس. مىلادى 16 - ئەسىردە رۋاندادا فېئوداللىق پادىشاھلىق قۇرۇلغان. 1 - ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا ئەنگلىيە، گېرمانىيە ۋە بېلگىيە قاتارلىق دۆلەتلەر ئىز بېسىپ تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەن. 1890 - يىلى گېرمانىيىنىڭ مۇستەملىكىسىگە ئايلانغان. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن خەلقئارا ئىتتپاق بېلگىيىنىڭ ھۆكۈمرانلىق قىلىشىغا ھاۋالە قىلىنغان، 1946 - يىلى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بېلگىيىنىڭ <ۋاكالىتەن ئىدارە قىلىپ تۇرۇشى> نى قارار قىلغان، 1962 - يىلى 7 - ئاينىڭ 1 - كۈنى مۇستەقىل بولۇپ، رۋاندا جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغان، رۋاندا گەرچە ئېكۋاتورغا يېقىن بولسىمۇ، لېكىن يىللىق ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى پەقەت 18 ؟؟ ئەتراپىدا بولۇپ، مەنزىرىسى گۈزەل، ھاۋاسى ئادەمگە ياقىدۇ، شۇڭا ئۇنىڭ <باھار دۆلىتى>، <ئافرىقىنىڭ خاسىيەتلىك تۇپرىقى> دېگەن نامى بار.
رۋاندانىڭ يەر مەيدانى 26.3 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر، ئاھالىسى 7 مىليون 530 مىڭ. خۇتۇلار 85%نى، تۇتىسلار 14%نى ئىگىلەيدۇ. 55%ى كاتولىك ۋە خرىستىئان دىنىغا، 45%ى ئىپتىدائىي دىنلارغا ئېتىقاد قىلىدۇ. رۋاندا تىلى ۋە فرانسۇز تىلى ھۆكۈمەت تىلى قىلىنغان. پايتەختى كىگالى. پۇل بىرلىكى رۋاندا فرانكى.
رۋاندا جۇمھۇرىيىتى بىلەن بۇرۇندى 1962 - يىلى ئىيۇلدا تەڭ مۇستەقىل بولغان. ئىلگىرى بۇ دۆلەتنىڭ نامى رۋانا بۇرۇندى بولۇپ، بېلگىىيىنىڭ < خەلقئارا باشقۇرۇشقا ھاۋالە قىلنغان يېرى> ئىدى. 1961 - يىلىدىن باشلاپ رۋاندا قىزىل، سېرىق ۋە يېشىل تىك يوللۇق ئۈچ خىل رەڭلىك بايراقنى ئىشلەتكەن. ئاساسىي قانۇندىكى < رۋاندا ئىنقىلابتىن بارلىققا كەلگەن، پۇقرالار ئاۋاز بېرىپ، ئۈمۇمىي ئېتراپقا ئېرىشكەن جۇمھۇرىيەت > دېگەن بەلگىلىمىگە ئاساسەن، ئافرىقىنى بىلدۈردىغان قارا رەڭ بىلەن رۋاندانىڭ دۆلەت نامىدىكى باش ھەرىپ < R > نى بايراقنىڭ گۋىنىيە دۆلەت بايرىقى بىلەن بولغان بىردىنبىر پەرقىدۇر. قىزىل رەڭ - ئەجدادلارنىڭ ئاققان قېنىنى بىلدۈرگەن، سېرىق رەڭ - غەلبە ۋە تىنىچلىقنىڭ سىمۋولى بولۇپ ھەمدە خرىسىتىئان دىنىدىكى ئىنسانپەرۋەرلىك روھىي ئىپادىلەنگەن؛ يېشىل رەڭ - يېزا ئىگىلىك ۋە كەڭ زېمىننى ھەم ئۇنىڭدىن ھاسل بولغان ئارزۇ - تىلەك ۋە گۈللىنىشنى بىلدۈرگەن.
رۋاندا دۆلەت گېربى ئاق قالقاننى مەركىزىي كۆرۈنۈش قىلغان، ئۇنىڭ ئۈستىدىكى كەپتەر زەيتۇن شېخىنى ئېلىپ كەلگەن تىنىچلىق ئەلچىسىدۇر. قالقان ئىچىدىكى ئوقيا - خەلقنىڭ ھەر ۋاقىت تەييار تۇرغانلىقىنى، ئەركىنلىك ۋە مۇستەقىللىقنى قوغداش ئۈچۈن جەڭ قىلىدىغان جاسارەت ۋە ئىرادىسىنى نامايان قىلغان. قالقاننىڭ ئۈستىگە فرانسۇزچە دۆلەت نامى يېزىلغان، قالقاننىڭ ئىككى يېنىدىكى يېزىق رۋاندا خەلقىنىڭ < ئەركىنلىك، ھەمكارلىق، تەرەققىيات> قا بولغان تەشنالىقىنى ئىزھار قىلغان. قالقاننىڭ ئارقىسىدىكى گىرەلەشتۈرۈپ قويۇلغان ئىككى بايراق جەۋلان قىلىپ، مۇستەقىللىق، تىنىچلىق ۋە ئارزۇ - ئۈمىدنى كەڭ زېمىنغا يەتكۈزگەن.
ئۇنىۋېرسال,دۇنيا يەر - جاي ناملىرى
卢旺达
lú wàng d
ئىختىساسلىق
دائىرە: رايون ۋە پوچتا نومۇرى卢旺达
lú wàng dá
ئافرىقا قىتئەسى
GetWord كۇللىياتى
9卢旺达
卢旺达【地名】
lú wàng dá9卢旺达
卢旺达【世界各国】
lú wàng dá
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ ئۇيغۇرچە–خەنزۇچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.
بۇ سۆز Lughet توپلىمىدىكى باشقا مەنبەلەردىمۇ ئۇچرايدۇ — تۆۋەندىكى تىزىملىكنى كۆرۈڭ.