Uyghurئاساسىي لۇغەت
رىۋايەت
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
= رىۋايات.
ئەمدى قىلاي بۇ دەھرى فەنادىن ھىكايەتى،
ھەمە ئالەم ئەھلىدىن ئەيلەي رىۋايەتى.
سەبۇرى.
ئەدەبىيات ئاتالغۇلىرى
ئەمگەكچى خەلق تەرىپىدىن ئىجاد قىلىنغان ۋە خەق ئارىسىدا كەڭ تارقالغان بەلگىلىك تارىخىي پېرسوناژلار، تارىخىي ۋەقەلەر، قەدىمكى جايلار ھەمدە تەبىئەت ھادىسىلىرى توغرىسىدىكى ھېكايىلەردىن ئىبارەت.
رىۋايەتلەردە مەلۇم بىر ۋاقىت، ئورۇن ۋە تارىخىي ئەھۋاللار بەلگىلىك تارىخىي پاكىتلار ئاساسىدا بايان قىلىنسىمۇ، ئۇنىڭ تۈپ ماھىيىتىدىن ئېلىپ ئېيىتقاندا، ئۇ يەنىلا خەلقنىڭ سەنئەت ئىجادىيىتى، ئۇنىڭدىكى ۋەقەلىك ئۈزۈلۈكسىز پىششىقلىنىپ ئەسلى مەنىسىدىن خېلى يىراقلاشقان بولىدۇ.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
بىر سۆز ياكى خەۋەرنى كۆچۈرۈپ سۆزلىمەك، نەقىل قىلماق (<راۋايەت> كە ئوخشاش).
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئۇزاق تارىخىي جەرياندا ئېغىزدىن ئېغىزغا كۆچۈپ كېلىۋاتقان، خەلق ياراتقان فولكلورغا كىرىدىغان ھېكايە - قىسسە، نەقىللەر.
رىۋايەتتە كۆپىنچە تارىخىي ۋەقەلەر بايان قىلىنىدۇ.
ئەپسانىدە قەھرىمانلىق ۋەقەلىرى فانتازىيىلىك رەۋىشتە تەسۋىرلىنىدۇ.
چۆچەكتە ئىجتىما
«كۆچ» رىۋايىتى ئۇيغۇرلارغا ئائىت رىۋايەتلەر ئىچىدە ئەڭ مۇھىم رىۋايەت. ئۇيغۇرلار بۆرە (كۆك يايل) نى توتېم قىلغاندىن بېرى، توتېم ھەققىدە بىر مۇنچە ئەپسانىلەر توقۇلغان. «ئۇر توقماق» چۆچىكى بىزدە كەڭ تارالغان، بىلمەيدىغان كىشى يوق دېيەرلىك. ئابدۇكېرىم راخمان يازغان «يىپەك يۇرتىدىكى ئەپسانە - رىۋايەتلەر» دە ئۇيغۇر ئەپسانىلىرى ۋە رىۋايەتلىرىدىن ئۈلگىلەر بېرىلگەن.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
مەلۇم كىشى، نەرسە، ئىش ياكى مەلۇم ۋەقە توغرىسىدا خەلق ئارىسىدا قەدىمدىن تارتىپ، ئېغىزدىن ئېغىزغا كۆچۈپ كەڭ تارقىلىپ كېلىۋاتقان ئاغزاكى ھېكايە؛ ئەپسانە.
رىۋايەت قىلماق.