Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
乳突
ئادەم ئاناتومىيىسى,تېببىي
rǔ tū
ئەمچەكسىمان ئۆسۈكچە
بىئولوگىيە
ئەمچەكسىمان ئۆسۈكچە
ھايۋانلارنىڭ سىرتى ياكى ئىچىدىكى ھەرخىل ئەمچەكسىمان ئۆسۈكچىلەرنىڭ تۈزۈلۈشىنى كۆرسىتىدۇ. ئۇنىڭ ئورنى ھەم فۇنكسىيىسىگە قاراپ يەنە ئوخشىمىغان ناملار بىلەن ئاتىلىدۇ. مەسىلەن، ئاسكارىدانىڭ ئالدى تەرىپىدىكى دۈمبە - قورساق كالپۇكىدا كالپۇك ئەمچەكسىمان ئۆسۈكچىسى بولىدۇ؛ سازاڭ قۇرتىنىڭ ئاتىلىق كۆپىيىش تۆشۈكى بىلەن ئۇرۇقلىنىش خالتا تۆشۈكى يېنىدا ئادەتتە كۆپىيىش ئەمچەكسىمان ئۆسۈكچىسى بولىدۇ؛ دېڭىز يۇلتۇزىدا ئېغىز ئەمچەكسىمان ئۆسۈكچىسى بولىدۇ؛ نۇرغۇنلىغان ھايۋانلاردا چىقىرىۋېتىش - كۆپىيىش ئۆسۈكچىسى بولىدۇ. يۇقىرى دەرىجىلىك ھايۋانلارنىڭ تىلىنىڭ سىرتقى يۈزىدە شىلىمشىق پەردە شەكىللەنگەن بولىدۇ. چوڭلۇقى ھەر خىل نۇرغۇنلىغان ئۆسۈكچىلەر تىل شورىغۇچىلىرى (تىلنىڭ ئەمچەكسىمان ئۆسۈكچىلىرى) دېيىلىدۇ، ئادەمنىڭ باش سۆڭىكىنىڭ يان تەرىپىدىكى سىرتقى ئاڭلاش تۆشۈكىنىڭ كەينى پەس تەرىپىدە بىر كونۇسسىمان ئۆسۈكچە بولۇپ، ئۇ ئەمچەكسىمان سۆڭەك ئۆسۈكچىسى دېيىلىدۇ.