Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
乳糖
ئورمانچىلىق,تېببىي
rǔ táng
لاكتوزا، سۈت شېكىرىDسودا
rǔ táng
سۈت شېكىرىDئۇنىۋېرسال
rǔ táng
لاكتوزا، سۈت قەنتىDخىمىيە
rǔ táng
لاكتوزا
بىئولوگىيە
لاكتوزا
بىر مولېكۇلا گلۇكوزا بىلەن بىر مولېكۇلا گالاكتوزا ھەر قايسىنىڭ (C 4 ۋە C 1) گىدروكسىل رادىكاللىرىنىڭ گلۇكوزىد بېغى ئارقىلىق تۇتىشىشىدىن ھاسىل بولىدىغان دى ساخارىد بولۇپ، مولېكۇلىسىدا ئەركىن ئالدېگىد رادىكالى بولغانلىقتىن، ئوكسىدسىزلاش، ئوزازون ھاسىل قىلىش رولى بولىدۇ. لاكتوزا α - ۋە β - تىپلىقتىن ئىبارەت ئىككى خىل تۈزۈلۈشلۈك بولغانلىقتىن، نۇر بۇرىشى ئۆزگىرىدىغان ئالاھىدىلىككە ئىگە. لاكتوزا نۇرنى ئوڭغا بۇرايدىغان بىر خىل قەنت بولۇپ، ئۇنىڭ ئەڭ ئاخىرقى نۇر بۇرا دەرىجىسى + 53.3 ° بولىدۇ. ئۇنى ئېچىتقۇ ئېچىتالمايدۇ، ئېچىغان كالا سۈتىدە يەنى كىسلاتالىقنى خالايدىغان لاكتىك كىسلاتا تاياقچە باكتېرىيىسى ئۇنىڭدا ئېچىپ لاكتىك كىسلاتانى ھاسىل قىلىدۇ. ئېمىتكۈچى ھايۋانلارنىڭ سۈتىدە بولىدۇ. سانائەتتە ئىشلىتىلىدىغان لاكتوزا كۆك سۈتتىن ئايرىۋېلىنىدۇ. بۇۋاقلارنىڭ يېمەكلىكلىرى، قەنت - گېزەك، مارگارىن قاتارلىقلارنى تەييارلاشتا ئىشلىتىلىدۇ، تېببىي دورىگەرلىكتە تەم تەڭشىگۈچى خۇرۇچ قىلىپ ئىشلىتىلىدۇ.