Uyghurئاساسىي لۇغەت
رۇسسېل
دۇنيا تارىخى
(1872 - 1970) ئەنگلىيىلىك لوگىكىشۇناس. ئىدېئالىست پەيلاسوپ. 1894-يىلى كېمبرىج ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتتۈرگەن. 1910 - 1913-يىللىرى ئۆزىنىڭ ئۇستازى ۋىتېخېئاد بىلەن بىرلىكتە ماتېماتىكا قائىدىلىرى< (ئۈچ توم) ناملىق ئەسەرنى يېزىپ لوگىكىلىق ماتېماتىكا سىستېمىسىنى بەرپا قىلىشقا ئۇرۇنۇپ، پۈتۈن ماتېماتىكىنى لوگىكىغا خۇلاسىلىگەن. پەلسەپە جەھەتتە، دەسلەپتە يېڭى چىنلىق نەزەرىيىسى تەرەپدارى بولغان. ⅩⅩ ئەسىردە لوگىكىلىق دەرلىلچىلىك تەرەپدارىغا ئايلانغان. ئىپتىدائىي پاكىتنى ئاساسىي ئامىل قىلغاندا، پۈتۈن دۇنيانى تۈزۈپ چىققىلى بولىدۇ، دەپ ھېسابلىغان. ھالبۇكى، بۇنداق ئىپتىدائىي پاكىت ئەمەلىيەتتە سۇبيېكتىپ ھېسسىي تەجرىبىدىن ئىبارەت. سىياسىي جەھەتتە، تىنچلىق پەرەسلىك مەيدانىنى چىقىش نۇقتىسى قىلىپ، تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشىغا قارشى تۇرغان. 1920-يىلى جۇڭگوغا كېلىپ لېكىيە سۆزلىگەن، ئۇنىڭ ئىلمىي نۇقتىئىنەزەرى كونا جۇڭگودا خېلى تەسىلەرنى قوزغىغان. 1950-يىلى نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن، ئاساسلىق ئەسەرلىرىدىن >پەلسەپە قائىدىسى<، >قەلب ئۈستىدە تەھلىل<، >نەرسە ئۈستىەد تەھلىل<، >غەرب پەلسەپە تارىخى< قاتارلىقلار بار.