Uyghurئاساسىي لۇغەت
رۇس
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم
مىللەت نامى ۋە شۇ مىللەتتىن بولغان كىشى، روسىينىڭ ئاساسىي مىللىتى، ئېغىز تىلىدا « ئورۇس ».
رۇس تىلى.* رۇس يېزىقى.
ئاھاڭداش سۆزلەر
سۈپەت
تۈز، توغرا
خەتنى ئورۇندۇقتا رۇس ئولتۇرۇپ يېزىش ۋە ئوقۇش كېرەك.* ئەگرى ياغاچنى رۇسلىماق.* گەپ دېگەننى رۇس قىلغۇلۇق.
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
ئەگرى - بۈگرى، ئوي - دوڭغۇل، قىڭغىر - قىيسىق ئەمەس.
قىڭغىر، ئەگرى، قىيسىق، قىيا، مايماق
تۈز ۋە تەكشى ئەمەس، ئېگىلگەن، قىيسايغان.
ئىلىمدە تۈز يول يوق. يىلاننىڭ تۆشۈكى تۈز، ئۆزى ئەگرى. توغرا كىشى ئۇزار، ئەگرى كىشى توزار. راۋۇرۇس يۈر، ئەگرى يولدىن قورقما. ئۆزۈڭ قىڭغىر بولساڭمۇ گېپىڭ تۈز بولسۇن. قىرىق كىشى بىر ياق، قىڭغىر كىشى بىر ياق. قىڭغىر ئىش قىرىق يىلدىن كېيىنمۇ بىلىنەر. قىيسىققا كەمسىتىپ قارىما، كۆزۈڭگە قادىلار. قومۇشنى قىيا تۇتما، قولۇڭنى كېسىدۇ. قىرىق يىل قىڭغىر ئۆسكەن دەرەخ ئوتتۇز كۈندە تۈزەلمەس. مايماق ئېدىشنىڭ قاپقىقىمۇ مايماق. ئەگرى ياغاچمۇ رۇس يانىدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپەت
پارىسچە
تۈز، دۇرۇس، راۋۇرۇس.
رۇس ياغاچ.
ئورۇندۇقتا رۇس ئولتۇرۇپ يېزىش ۋە ئوقۇش كېرەك.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئىرقشۇناسلىق
مۇشۇ نام بىلەن ئاتالغان مىللەت ۋە بۇ مىللەتكە مەنسۇپ كىشى. رۇسلارنىڭ ئاساسىي قىسمى روسىيىگە، ئاز قىسمى باشقا دۆلەتلەردە ئولتۇراقلاشقان. مەملىكىتىمىزدە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئىلى، ئالتاي، چۆچەك، ئۈرۈمچى قاتارلىق جايلىرى ۋە خېيلوڭجياڭ ئۆلكىسىدىمۇ ئاز بىر قىسىم رۇسلار ياشايدۇ.