Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
若奥二世
دۇنيا تارىخى
جوئاۋ Ⅱ
(1455 - 1495) پورتۇگالىيە ئاۋىس خاندانلىقىنىڭ كورۇلى (1481 - 1495). تەختتە ئولتۇرغان مەزگىلدە، پورتۇگالىي دېڭىزچىسى دىئاسنى ئەۋەتىپ، 1488-يىلى ئافرىقىنىڭ جەنۇبىدىكى ئۈمىت تۇمشۇقىنى تاپقان، كېيىن داگامانىڭ ھىندىستانغا قاتنىشى ئۈچۈن تەييارلىق قىلغان. 1484-يىلى، پورتۇگالىيىدە تۇرۇۋاتقان ئىتالىيىلىك دېڭىزچى كولومبونىڭ ياۋروپا ئالانتىك ئوكاين بويلىرىدىن ئۇدۇل غەربكە يۈرۈش قىلىپ، شەرققە يېتىپ بېرىش توغرىسىدىكى پىلانىنى رەت قىلغان. 1492-يىلى كولومبوئىسپانىيىنىڭ ياردىمى ئاستىدا ئامېرىكا قىتئەسىنى تاپقاندىن كېيىن، پورتۇگالىيە ئىسپانىيە بىلەن 1494-يىلى <توردېسىلياس شەرتنامىسى> نى ئىمزالاپ، ئىككى دۆلەتنىڭ غەربىي يېرىم شاردىكى تەسىر دائىرىسىنى ئايرىغان.