Uyghurئاساسىي لۇغەت
رۇمىنىيە كونستانتن شەرىئەت ئەھكامى بويىچە ھۆكۈم چىقىرىش كومىتېتى
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
رۇمىنىيىدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ ئالىي دىنىي ئورگىنى بولۇپ، رۇمىنىيىدىكى بىردىنبىر مۇپتى مۇھەممەد ياقۇب بۇ كومىتېتنىڭ رەئىسى. كومىتېت تەۋەلىكىدە 82 مۇسۇلمان تەشكىلاتى بولۇپ، 70 نەچچە مەسچىتنى باشقۇرىدۇ. مەقسىتى: ھۆكۈمەتنىڭ دىنىي سىياسەتنى ئىزچىللاشتۇرۇشىغا ياردەملىشىشتىن ئىبارەت. 1970 - يىلىدىن بۇيان ئەرەب دۆلەتلىرى بىلەن بولغان ئىقتىسادىي ئالاقىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن، لىبېرىيە، سەئۇدى ئەرەبىستانى قاتارلىق دۆلەتلەرگە كۆپ قېتىم ۋەكىللەر ئۆمەكلىرىنى ئەۋەتتى. 1980 - يىلىدىن باشلاپ <مۇسۇلمانلار مەدەنىيىتى ژۇرنىلى> نى نەشر قىلىپ، رۇمىنىيىنىڭ دىنىي سىياسىتىنى تەشۋىق قىلدى، ئىسلام دىنى ساھەسىنى تونۇشتۇردى. مۇپتىغا تەۋە رايونلاردىكى خەۋەرلەرنى ئېلان قىلدى.