Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
儒良
بىئولوگىيە
ديۇگون
ئۇنىڭ يەنە بىر نامى <ئادەم بېلىق>. سۈت ئەمگۈچىلەر سىنىپىنىڭ دېڭىز كالىسى ئەترىتى، ديۇگون ئائىلىسىگە تەۋە بولۇپ، دېڭىزدىن چىقىدىغان سۈت ئەمگۈچىلەرگە كىرىدۇ. بەدىنى ئۇرچۇق شەكلىدە، تېرە رەڭگى ئاقۇچ كۈل رەڭ، تېرىسى پىلنىڭكىدەك قېلىن ھەم پۈرمە - قورۇقلارغا تولغان، قىسقا ھەم شالاڭ تۈكلۈك، باش قىسمى كىچىكرەك، تۇمشۇقى قىسقا ھەم ياپىلاق، ئاغزىنىڭ ئەتراپىدا نۇرغۇنلىغان سېزىش تۈكچىلىرى بولۇپ، ئوزۇقلۇقلارنى ئاقتۇرۇش ۋە تاللاشقا ئىشلىتىلىدۇ. ئاغزىدا چىشلىرى بار. ئەركىكىنىڭ ئۈستۈنكى كۈرەك چىشى ئىككى بولۇپ، ھىڭگاڭ چىش شەكلىدە تەرەققىي قىلغان؛ چىشىسىنىڭ چىشى سىرتتىن كۆرۈنمەيدۇ، كۆزى ناھايىتى كىچىك، چىمچىق پەردىسى تەرەققىي قىلغان، قۇلاق سۇپرىسى يوق، سىرتقى قۇلاق تۆشۈكى كىچىك، ئالدى پۇتى پالاقسىمان، كەينى پۇتى پۈتۈنلەي يوقالغان. دۈمبە پالاقچىسى يوق، قۇيرۇق پالاقچىسى كەڭ ھەم چوڭ بولۇپ، شەكلى يېرىم ئايغا ئوخشايدۇ. ئەمچىكى بىر جۈپ بولۇپ، پالاق پۇتىنىڭ تۈۋى قىسمىغا جايلاشقان، ئاشقازىنى ناھايىتى چوڭ، ئاشقازىنى كىرىش ئېغىزى بىلەن چىقىش ئېغىزى قىسمىغا بۆلۈنىدۇ ھەمدە ئىككى سوقۇر خالتىسى بولىدۇ؛ ھەزىم قىلىش يولى ناھايىتى ئۇزۇن بوۇپ، ئىنچىكە ئۈچىيى 10 مېتىرغا، چوڭ ئۈچىيى 23 مېتىر ئەتراپىغا يېتىدۇ. بۇ ئۇنىڭ ئوتخورلۇقىغا (ئۆسۈملۈك بىلەن ئوزۇقلىنىشىغا) مۇناسىۋەتلىك. بەدەن ئېغىرلىقى 5.1 - 7.2 مېتىر، ئەڭ چوڭلىرى ئۈچ مېتىرغا يېتىدۇ. ئەركىكى چىشىسىدىن چوڭ، ھىندى ئوكيان، تىنچ ئوكيان ئەتراپىغا تارقالغان. ئۇ مەملىكىتىمىزدە گۇاڭدۇڭ، تەيۋەن ئۆلكىسىنىڭ جەنۇبىدىكى دېڭىز بويلىرىغا تارقالغان. ئادەتتە ئۈچ - تۆتى بىرلىشىپ سۇ تېگىدە ياشايدۇ، كۈندۈزى دائىم 30 - 40 مېتىر چوڭقۇر دېڭىز تېگىگە چۆكۈپ بەلگىلىك ۋاقىتتا سۇ يۈزىگە لەيلەپ چىقىپ نەپەسلىنىپ تۇرىدۇ. سەھەر ۋە گۇگۇم مەزگىللىرىدە دېڭىز بويلىرىدىكى تېيىز سۇدا پەيدا بولۇپ، بەزىدە دەريا ئېغىزلىرىغىمۇ كىرىدۇ. يۈسۈنلەر ياكى باشقا سۇ ئۆسۈملۈكلىرى بىلەن ئوزۇقلىنىدۇ. يىلىغا بىرنى تۇغىدۇ، ئېمىتكەندە بالىسىنى ئالدى پۇتى بىلەن قۇچاقلاپ، باش قىسمى بىلەن كۆكرەك قىسمىنى سۇ يۈزىدىن چىقىرىپ تۇرۇپ ئېمىتىدۇ، كۆرۈنۈشى ئادەمنىڭ سۇ ئۈزۈۋاتقىنىغا ئوخشايدۇ، شۇڭا ئۇ <ئادەم بېلىق> دەپ ئاتالغان. تېرىسىدىن خۇرۇم ئىشلەشكە، گۆشىنى ئىستېمال قىلىشقا بولىدۇ، گۆشىنىڭ تەمى كالا گۆشىگە ئوخشاش، مېيى قىممەت باھالىق دورا ماتېرىيالى بولۇپ، ماي سۈپىتى ترېسكا بېلىقىنىڭ جىگەر مېيىغا ئوخشايدۇ. ھازىر ديۇگونلارنىڭ سانى كۈنسايىن ئازايماقتا. شۇڭا بۇ ئەتىۋارلىق ھايۋاننى قوغداش ئۈچۈن، قالايمىقان تۇتۇشنى مەنئىي قىلىشتىن باشقا يەنە 1976 - يىلى مەملىكىتىمىزنىڭ گۇاڭشى ئۆلكىسىنىڭ خېفۇ دېگەن يېرىدە، سۈنئىي بېقىش سىناق قىلىنىپ بەلگىلىك نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى.