Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
瑞典一七三四年法典
دۇنيا تارىخى
شۋېتسىيىنىڭ 1734 - يىلىدىكى قانۇنى
يەنى شۋېتسىيە پارلامېنتى 1734 - يىل 12 - ئاينىڭ 13 - كۈنى ماقۇللىغان يېڭى قانۇن. چارلېس Ⅺ نىڭ دەۋرىدىلا تۈزۈشكە كىرىشىلىپ، يۈزنەچچە يىللىق ئۆزگەرتىپ تولۇقلاش نەتىجىسىدە بارلىققا كەلگەن. 1736 - يىل 1 - ئاينىڭ 23 - كۈنى ئېلان قىلىنغان. جەمئىي 203 باب بولۇپ، نىكاھ، مال - مۈلۈك، ۋارىسلىق ھوقۇقى، يەر مۈلۈكچىلىكى، بىناكارلىق، سودا، جىنايى ئىشلار جىنايىتى ھەمدە سوتتا داۋالىشىش تەرتىپى ۋە قائىدىلىرى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. ئۇ شۋېتسىيىنىڭ قانۇن تارىخىدا مۇھىم ئورۇننى ئىگىلەيدۇ.