Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
رۇگې
دائىرە: دۇنيا تارىخى卢格
lú gé
(1802 - 1880) گېرمانىيىلىك سىياسىي ئوبزورچى. ياش گېگېلچىلار ئەزاسى. ئۇششاق بۇرژۇئا دېموراتچى. 1840 - 1843-يىللىرى <گېرمانىيە ئىلىم ۋە سەنئەت يىللىق مەجمۇئەسى> نىڭ مۇھەررىرى بولغان. 1844-يىلى ماركس ۋە ھېينىلار بىلەن بىرلىكتە <نېمىس - فرانسۇز يىللىق مەجمۇئەسى> نى تۈزگەن. ئانچە ئۇزۇن ئۆتمەيلا پىكىر ئىختىلاپى تۈپەيلىدىن ئۇلادىن ئايرىلغان. 1848-يىلى فرانكفورت مىللىي پارلامېنتىنىڭ ئەزالىقىغا سايلانغان. 1849-يىلى ئەنگلىيىگە بېرىپ لېدرۇ - روللېن، ماززىنى قاتارلىق كىشىلەر بىلەن بىرگە <ياۋروپا دېموكراتىك كومىتېتى> نى قۇرغان. 1866-يىلى گېرمانىيە مىللىي لىبېرالىستلار پارتىيىسىگە قاتنىشىپ، بىسمارك سىياسىتىنىڭ ھىمايىچىسىگە ئايلانغان.
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ ئۇيغۇرچە–خەنزۇچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.
بۇ سۆز Lughet توپلىمىدىكى باشقا مەنبەلەردىمۇ ئۇچرايدۇ — تۆۋەندىكى تىزىملىكنى كۆرۈڭ.