Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
رۇدولف
دائىرە: دۇنيا تارىخى鲁道尔夫二世
lǔ dào ěr fū èr shì
(1552 - 1612) گېرمانىيە كورۇلى، مۇقەددەس رىم ئىمپېرىيىسىنى ئىمپېراتورى (1576 - 1612). ئىسپانىيە كورۇلىنىڭ ئوردىسىدا تەربىيىەنگەن. تەختكە چىققاندىن كېيىن كاتولىك دىنىنىڭ بەگلەرنى قوللاپ، پروتېستانت دىنىدىكى بەگلەرگە قارشى ۇرۇپ، گېرمانىيىدىكى كاتولىك دىنى بىلەن پروتېستانت دىنىدىكى بەگلەرنىڭ قارىمۇ قارشىلىقىنى كەسكىنلەشتۈرۈۋەتكەن. يەرلىك ئاقسۆڭەكلەرنىڭ بېسىمى ئاستىدا، 1608-يىلى ئىمپېرىيە تەۋەسىدىكى يۇقىرى، تۆۋەن ئاۋسترىيە، ۋېنگرىيە ۋە مولاۋىيىلەرنى ئۇكىسى ماتتاسقا ئۆتۈنۈپ بەرگەن؛ 1611-يىلى يەنە چېخىيىنىمۇ ماتتاسنىڭ خوجىلىق يېرى قىلىپ بەرگەن.
دائىرە: دۇنيا يەر - جاي ناملىرى鲁道夫
lǔ dào fū
دائىرە: دۇنيا تارىخى鲁道尔夫一世
lǔ dào ěr fū yí shì
(1218 - 1291)، گېرمانىيىنىڭ كورۇلى، مۇقەدەس رىم ئىمپېرىيىسىنىڭ ئىمپېراتورى (1273 - 1291)، خابىسبۇرگ سۇلالىسىنى قۇرغۇچى ئەسلىدە خابىسبۇرگنىڭ گرافى بولۇپ، خوجىلىق يېرى شۋېتسارىيە ۋە ئېلزاسقا تارقالغان. 1273-يىلى ئىمپېراتورلۇققا سايلىنىپ، تەخت بوش تۇرۇش دەۋرى ئاياغلاشقان. تەختتە تۇرغان مەزگىلدە چېخىيە كورۇلى ئوتتوكار Ⅱ (پرېمىسىل Ⅱ) نى مەغلۇپ قىلىپ، ئاۋسترىيە، ستىرىيە، كارنىتىيە ۋە كارنولا قاتارلىق جايلارنى بېسىۋالغان. 1285-يىلى شىمالىي گېرمانىيىدە دېھقانلار قوزغىلىڭى پارتلاپ، ئۇنىڭ رەھبىرى ئۆزىنى فرېدرىخ (گېرمانچە - Frieden مەنىسى <تىنچلىق> تىن كېلىپ چىققان) دەپ ئاتىغان، بۇ قوزغىلاڭ رۇدولف تەرىپىدىن باستۇرۇلغان.
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ ئۇيغۇرچە–خەنزۇچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.
بۇ سۆز Lughet توپلىمىدىكى باشقا مەنبەلەردىمۇ ئۇچرايدۇ — تۆۋەندىكى تىزىملىكنى كۆرۈڭ.