Uyghurئاساسىي لۇغەت
رۇبلى
مەنىداش سۆزلۈكلەر
روسىيىنىڭ، كېيىن سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ پۇل بىرلىكى. «سوم»، «تەڭگە»، «چىرۋان» ئۇيغۇر، ئۆزبەك تىلىدا ئاتىلىشى.
رۇبلىنىڭ قىمىتى كېينكى كۈنلەردە بەك چۈشۈپ كەتتى. تېخى 80 - يىللارنىڭ باشلىرىدىلا بىر رۇبلى 6.7 ئامېرىكا دوللىرىغا تەڭ بولسا، 1991 - يىلىنىڭ ئوتتۇرىلىرىغا كەلگەندە بىر دوللار 47 رۇبلىگە تەڭ بولدى.
ئۆلچەم بىرلىكلىرى
رۇبلى - سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ قەغەز پۇلى. چارروسىيە 1871 - يىلى ئىلىنى بېسىۋالغاندىن كېيىن، ئىلى رايونىدىمۇ بۇ پۇلنى تارقاتقان. كېيىنچە بۇ پۇل شىنجاڭنىڭ باشقا جايلىرىدىمۇ ئوبوروت قىلىنغان. 1917 - يىلى ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان. بۇ پۇلغا <دۆلەت غەزىنە چېكى، بۇ زايۇم بېلىتىگە دۆلەت بانكىسىدىن شەكسىز ئالتۇن ئالماشتۇرغىلى بولىدۇ. ھەر بىر رۇبلى 1/15 > ئېمپىرىيە ئالتۇنىغا باراۋەر، 424، 17 سەر ساپ ئالتۇنغا ئالماشتۇرغىلى بولىدۇ< دەپ يېزىلغان. شۇ چاغلاردا شىنجاڭدا بىر رۇبلى 100 مىس كۇبىك (كۇبىك - روسىيە جاھانگىرلىكى شىنجاڭدا تارقاتقان قوشۇمچە پارچە پۇل، 100 كۇبىك = 1 رۇبلى) كە باراۋەر ئىدى. 1998 - يىلىدىكى مەلۇماتتا بىر يۈەن جۇڭگو پۇلىنىڭ 72779 .0 رۇبلىغا، 1 ئامېرىكا دوللىرىنىڭ 0260. 6رۇبلىغا ئالماشتۇرۇلىدىغانلىقى كۆرسىتىلگەن.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
رۇسىيىنىڭ پۇل بىرلىكى.