Uyghurئاساسىي لۇغەت
رىتسار
دۇنيا تارىخى
(1) قەدىمكى رىم رىتسارلىرى، قەدىمكى رىم قۇلدارلار گۇرۇھىنىڭ بىر تەبىقىسى. سېرۋىئۇس تۇللىئۇس ئىسلاھاتى مەزگىلىدە (مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅵ ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرمىدا) ئاتلىق ئەسكەرلەر ئەترىتىنىڭ قۇرۇلۇشىدىن كېلىپ چىققان. رىمنىڭ سىرتقا كېڭەيمچىلىك قىلىشىغا ئەگىشىپ، رىتسالىق سالاھىيىتى تەدرىجىي ھالدا ئۆزگەرگەن. مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅲ ئەسىردىن كېيىن ئۆسۈمگە قەرز بېرىش، باجنى ھۆددە قىلىش، سودىگەرچىلىكنى كەسىپ قىلغان بىر تۈركۈم بايلارنىڭ كۆرسەتكەن. تولىسى ئاددىي خەلقتىن كېلىپ چىققان. جۇمھۇرىيەتنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدە، رىتسارلار مۆتىۋەرلەر بىلەن ئۇزاق مۇددەت كۈرەش قىلغان ھەمدە بەزى ئىمتىيازلاردىن بەھرىمەن بولغان. مىلادى Ⅰ ئەسىر (ئىمپېرىيىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلى) دىن باشلاپ رىمدا 400 مىڭ سېستېرتىئۇس مال - مۈلۈككە ئىگە بولغانلارغا رىتسار سالاھىيىتىگە ئىگە بولالمىغان، رىتسارلار ئىمپېرىيىنىڭ بيۇروگرات ئورگانلىرىدا خېلى زور كۈچنى ئىگىلىگەن. (2) ئوتتۇرا ئەسىر رىتسارلىرى. ئوتتۇرا ئەسىردىكى غەربىي ياۋروپا فېئوداللار سىنىپىنىڭ ئەڭ تۆۋەن تەبىقىسى. ئاتالىق ئەسكەر بولۇپ ھەربىي خىزمەت ئۆتەش شەرتى بىلەن، پادىشاھ ياكى چوڭ فېئوداللار بەرگەن سۇيۇرغاللىق يەرگە ئىگە بولغان. ئوتتۇرا ئەسىرنىڭ بېشىدا، قوراللىق كۈچلەر ئەركىن دېھقانلاردىن تەشكىل قىلىنىپ، خەلق ئەسكەرلىرى دەپ ئاتىلاتتى. كېيىن فېئوداللىق مۇناسىۋىتىنىڭ شەكىللىنىشى ۋە ئەركىن دېھقانلارنىڭ ۋەيران بولۇشىغائ ەگىشىپ، خەلق ئەسكەرلىرىنىڭ ئرونىنى رىسارلار ئالغان. مىلادىن ⅤⅢ ئەسىردىكى فرانك پادىشاھلىقىنىڭ ئەرەبلەرنىڭ تاجاۋۇزىغا قارشى كۈرىشىدە رىتسارلار ئۆزىنىڭ كارامىتىنى دەسلەپكى قەدەمدە كۆرسەتكەن. ئۇلارنىڭ ھەربىي خىزمەت ئۆتەش مۇددىتى ئادەتتە ھەر يىلى 40 كۈندىن بولۇپ، قورال، ساۋۇت ۋە ئاتنى ئۆزى تەييارلىغان. سۇيۇرغاللىق يەرگە ئۆمۈرۋايەت ئىگىداچىلىق قىلغان، كېيىن ئەۋلادىغا مىراس قالىدىغان بولۇپ ئۆزگەرگەن. كىرىم مەنبەسى سۇيۇرغاللىق يەردىكى دېھقانلارنى ئېكسپىلاتاتسىيە قىلىشتىن باشقا يەنە ئۇرۇشتا پۇلاڭ - تالاڭ قىلىش، سودا كارۋانلىرىنى بۇلاشتىن كەلگەن Ⅺ ئەسىردىن ⅩⅣ ئەسىرگىچە بولغان ۋاقىت رىتسارلار تۈزۈمىنىڭ گۈللەنگە ۋاقتى بولۇپ، ئۇلار غەيرىي بىدئەتلەر ھەرىكىتى ۋە دېھقانلار قوغىلىڭىنى باستۇرۇش، تاجاۋۇزچىلىق خاراكتېرىدىكى يىراققا يۈرۈش قىلىشلار (مەسىلەن: <ئەھلىسەلىپ يۈرۈشى>) غار كەڭ تۈردە قاتناشقان. رىتسارلار تۇرمۇشىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان رىتسار ئەدەبياتىمۇ كەڭ تارقالغان. ⅩⅣ ئەسىرنىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ، ئېتىش قورالى ۋە زەمىرەكنىڭ قوللىنىلىشى تۈپەيلىدىن رىتسارلار ئاساسىي ھەربىي كۈچ بولۇشتىن قېلىپ، تەدىرىجىي ھالدا ياللانما پىيادە ئەسكەرلەرگە ئورۇن بوشىتىپ بەرگەن. بىر قىسمى كۈنسايىن زاۋاللىققا يۈزلەنگەن، يەنە بىر قىسمى ئاقسۆڭەكلەر قاتارىغا كىرگەن. كېيىن <رىتسار> بېرىلىدىغان بىر خىل نام سۈپىتىدە بەزى دۆلەتلەردە ئۇزاق مۇددەت ساقلىنىپ تۇرغان.