Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
肉足纲
ئۇنىۋېرسال
ròu zú gāng
گۆش ئاياغلىقلار
بىئولوگىيە
يالغان پۇتلۇقلار سىنىپى
<يىلتىز پۇتلۇقلار سىنىپى> (Rhizopoda) دەپمۇ ئاتىلىدۇ. پىروتوزىلار تىپىدىكى بىر سىنىپ. ئەڭ مۇھىم ئالاھىدىلىكى شۇكى، ئۇلاردا يالغان پۇت - سىتوپلازمىنىڭ سىرتىغا ئاقما ھەرىكەت قىلىشىدىن شەكىللەنگەن ئۆسۈكچىلىرى بولىدۇ.يالغان پۇتلىرىنىڭ ۋاقىتلىقلىرى ھەم مۈڭگۈزلۈكلىرى، شاخلانمىغارنلىرى ۋە شاخلانغانلىرى بولۇپ، ھەرىكەتلىنىش ھۈجەيرە ئاپپاراتى ھېسابلىنىدۇ، بەزىدە ئوزۇقلۇق تۇتۇش رولىنىمۇ ئۆتەيدۇ. يالغان پۇتلۇقلارنىڭ بەدەن سىرتىدا پەقەت ئىنتايىن نېپىز سىتوپلازما پەردىسى بولۇپ، بەزىلىرى يالىڭاچ، بەزى تۈرلىرىنىڭ بولسا ئاھاك ماددىسى ياكى خىتىن ماددىلىق سىرتقى پوستى بولىدۇ ياكى كرېمنىي ماددىلىق سۆڭىكى بولىدۇ. تاتلىق سۇ ۋە دېڭىز سۈيىدە ياشاپ، ئورگانىك ماددىلارنى ئوزۇقلۇق قىلىدۇ. مەسىلەن، ئاميوبا، قۇياش قۇرت، تۆشۈكلۈك قۇرت، پارازىتلىق ھايات كەچۈرىدىغانلىرىمۇ بار. مەسىلەن، دىزېنتېرىيە (تولغاق) ئاميوباسى، بوغما (تۈگۈنچەك) ئۈچەي ئاميوباسى