Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
روستىسلاۋ
دائىرە: دۇنيا تارىخى罗斯蒂斯拉夫
luó sī dì sī lā fū
چوڭ موراۋىيە گېرتسوگى (846 - 870). مويمىر Ⅰ نىڭ جىيەنى. مىلادى 846-يىلى گېرمانىيە كورۇلى لۇئى (گېرمان) نىڭ يۆلىشى ئاستىدا، مويمىر Ⅰ نىڭ ئورنىنى بېسىپ چوڭ موراۋىيىنىڭ گېرتسوگى بولغان. تەختتە ئولتۇرغان مەزگىلىدە گېرمانىيە فېئوداللىرىنىڭ تاجاۋۇزچىلىق سىياسىتىگە قارشى تۇرۇپ، ۋىزانتىيە ئىمپېرىيىسى بىلەن ئىتتىپاق تۈزگەن ھەمدە مىلادى 863-يىلى ۋىزانتىيىنىڭ دىن تارقاتقۇچىسى سىرىل (سۇرىل دەپمۇ ئوقۇلىدۇ)ۋە مېفودىيلارنى چوڭ موراۋىيىگە كېلىپ پىراۋوسلاۋ دىنىنى تارقىتىشقا تەكلىپ قىلىپ، گېرمانىيە دىنىي جەمئىيىتىدىن مۇستەقىل بولغا سلاۋيان چېركاۋى (869 ياكى 870) نى بەرپا قىلغان. 870-يىلى ئۆزىنىڭ جىيەنى سىۋيا توپولىك تەرىپىدىن ئاغدۇرۇۋېتىلگەن.
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ ئۇيغۇرچە–خەنزۇچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.
بۇ سۆز Lughet توپلىمىدىكى باشقا مەنبەلەردىمۇ ئۇچرايدۇ — تۆۋەندىكى تىزىملىكنى كۆرۈڭ.