Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
روسسو ئارىلى
دۇنيادىكى شەھەرلەر
罗素市
luó sù shì
غەربىي ھىندى تاقىم ئاراللىرى ئىچىدىكى دومىنىكا ئىتتىپاقىنىڭ مۇھىم پورت شەھىرى. بۇ شەھەر دومىنىكا ئارىلىنىڭ غەربىي جەنۇبىدىكى روسسو دەرياسىنىڭ دېڭىزغا قۇيۇلۇش ئاغزىنىڭ يېنىغا جايلاشقان. ئاھالىسى 18 مىڭدىن ئاشىدۇ (1982). بۇ شەھەر 1750 - يىلى سېلىنغان، 1805 - يىلى فرانسىيىلىكلەر تەرىپىدىن ۋەيران قىلىنغان، كېيىن قايتا سېلىنغان، پورتنىڭ ئۈسكۈنىلىرى ياخشى، سۈيى چوڭقۇر، بانان، پالما، كاكائۇ، پۇراقلىق ماتېرىياللار، ياغاچ قاتارلىقلار ئېكسپورت قىلىنىدۇ. شەھەردە يېمەكلىكلەرنى پىششىقلاپ ئىشلەش، ياغاچچىلىق قاتارلىق سانائەت ئورۇنلىرى بار. شەھەردە رىم كاتولىك دىنى چېركاۋىسى، مۇقەددەس گېئورگىيە چېركاۋىسى، مۇزېيلار، ئۆسۈملۈك باغچىلىرى بار. شەھەر ئەتراپىدا شارقىراتمىلار، ساياھەت ئورۇنلىرى بار.