Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
روسسېللىن
دائىرە: دۇنيا تارىخى罗色林
luó sè lín
(تەخمىنەن 1050 - 1251) فرانسىيە مەدرىس پەيلاسوپى ۋە تېنولوگى. مەدرىس پەلسەپىسىدىكى نومىنالىزمنىڭ ۋەكىلى. ئۇ پەقەت ئايرىم شەيئىلەرلا ھەقىقىي بولىدۇ، ئومۇمىي ئۇقۇم (<ئۇنىۋېرسال>) پەقەت نۇرغۇن ئايرىم شەيئىلەرنىڭ يىغىنچاقلانغان نامىدىنلا ئىبارەت، دەپ قارىغان. ئۇ خرىستىئان دىنىنىڭ ئاساسىي دىنىي ئەقىدىسى <ئۈچنىڭ بىر گەۋدىلىكى> تەلىماتىدىكى مۇقەددەس ئاتا (خۇدا)، مۇقەددەس پەرزەنت (پەيغەمبەر)، مۇقەددەس روھ ئايرىم - ئايرىم مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ، ئۇلارنى بىر گەۋدە قىلىشقا بولمايدۇ، ئۇلارنى <ئۈچ خۇدا> دەيمىز، دېگەنلەرنى ئوتتۇرىغا قويغان. 1092-يىلى سوئاسسون (فرانسىيىنىڭ شەرق شىمالىي قىسمىغا جايلاشقان) دىنىي يىغىنىدا، <ئۈچ خۇدا> چىلىق بىدئەتلىك دەپ ئەيىبلەنگەن. ئۇنىڭ ئەسەرلىرى كېيىنكىلەرگە يېتىپ كەلمىگەن. ئۇنىڭ كۆز قاراشلىرىنى ئابېليار ۋە ئانسېلم قاتارلىقلارنىڭ ئەسەرلىرىدە ئۇچراتقىلى بولىدۇ.
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ ئۇيغۇرچە–خەنزۇچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.
بۇ سۆز Lughet توپلىمىدىكى باشقا مەنبەلەردىمۇ ئۇچرايدۇ — تۆۋەندىكى تىزىملىكنى كۆرۈڭ.