Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
روسېنبېرگ
دائىرە: دۇنيا يەر - جاي ناملىرى罗森贝格,罗森伯格
luó sēn bèi gé ,luó sēn bó gé
دائىرە: دۇنيا تارىخى罗森堡
luó sēn bǎo
(1893 - 1946) فاشىست گېرمانىيىنىڭ ئۇرۇش جىنايەتچىسى. رېۋېل (تاللىن) دا تۇۇلغان، ئاتىسى لىتۋالىق، ئانىسى ئېستونىيىلىك. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېىن گېرمانىيىگە كۆچۈپ بېرىپ ئولتۇراقلاشقان. 1920-يىلى گىتلېر بىلەن تونۇشقان. 1923-يىلى پىۋىخانىدىكى توپىلاڭغا قاتناشقان. ئۇزۇن ئۆتمەي ناتسىستلار پارتىيىسى <خەلق كۆزەتكۈچىلىرى گېزىتى> نىڭ تەھرىرى بولغان. ناتسىست ئىدىيىسىنى پائال تەرغىپ قىلىش، يەھۇدىيلارنى چەتكە قاقىدىغان ئەسەرلەرنى ئېلان قىلىش بىلەن داڭق چىقارغان. گىتلېر تەختكە چىققاندىن كېيىن، ناتىسىستلار پارتىيىسىنىڭ سىرتقا قاراتقان سىياسىي پائالىيەتلىرىگە رىياسەتچىلىك قىلغان ھەمدە پارتىيە ئىچىدىكى ىياسىي تەلىم - تەربىيە خىزمىتىگە مەسئۇل بولغان. 1941-يىل 7-ئايدا شەرقىي ئىشغالىيەت رايونىنىڭ باشلىقى بولۇپ، شەرقىي ياۋروپا ۋە سوۋېت ئىتتىپاقىدىكى ئىشغالىيەت رايونلارنى تالان - تاراج قىلىشنى كۈچەيتىپ، نېمىسلاشتۇرۇش سىياسىتىنى پائال يولغا قويغان. 1946-يىلى نيۇرىنبېرگ خەلقئارا ھەربىي سوتى ئۇنىڭغا ئۆلۈم جازاسى ھۆكۈم قىلغان.
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ ئۇيغۇرچە–خەنزۇچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.
بۇ سۆز Lughet توپلىمىدىكى باشقا مەنبەلەردىمۇ ئۇچرايدۇ — تۆۋەندىكى تىزىملىكنى كۆرۈڭ.