Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
روسىيە فېدېراتسىيىسى
دۇنيادىكى شەھەرلەر
俄罗斯联邦
é luó sī lián bāng
سوۋېت ئىتتىپاقىدىكى مەيدانى ئەڭ چوڭ، ئاھالىسى كۆپ بىر جۇمھۇرىيەت. ئۇ شىمالىي مۇز ئوكيان، شەرقىي تىنچ ئوكيان سۇلىرى بىلەن تۇتىشىپ تۇرىدۇ. قۇرۇقلۇقتا ئېستونىيە، لاتۋىيە، لىتۋا، بېئوروسىيە، ئوكرائىنا، گروزىيە، ئەزەربەيجان، قازاقىستان ھەم نورۋېگىيە، فىنلاندىيە، پولشا، جۇڭگو، موڭغۇلىيىلەر بىلەن چېگرىلىنىدۇ. يەر مەيدانى 17 مىليون 75 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ. ئاھالىسى 143 مىليون 78 مىڭدىن ئاشىدۇ (1985)، رۇسلار 82.8% نى تەشكىل قىلىدۇ، ئۇلاردىن باشقا تاتار، ئوكرائىن، چۇۋاش قاتارلىق مىللەتلەر ياشايدۇ. ئاھالىسى 10 مىڭدىن كۆپ بولغان مىللەتلەر 50 تىن ئاشىدۇ. مەركىزى موسكۋا. روسىيە فېدېراتسىيىسىنىڭ غەربىي قىسمى پۈتۈنلەي دېگۈدەك تۈزلەڭلىك بولۇپ، شەرققە يۈرگەنسېرى ئورال تاغلىرى، غەربىي سىبىرىيە تۈزلەڭلىكى، ئوتتۇرا سىبىرىيە ئېگىز تەشكىلىكى ۋە ۋېرخويانىسكى تاغلىرى ئىگىلەپ تۇرىدۇ. غەربتىن شەرققە قاراپ ئىقلىمنىڭماتېرىك خاراكتېرلىك ئېشىپ بارىدۇ. قىشلىقى سوغۇق، ئۇزۇن بولىدۇ، شىمالىي مۇز ئوكيان قىرغاقلىرى تۇندرا ئىقلىم تىپىغا، تىنچ ئوكيان قىرغاقلىرى مۇسسونلۇق ئىقلىم تىپىغا كىرىدۇ. شىمالدىن جەنۇبقا قاراپ تەرتىپ بويىچە قۇتۇپ، تۇندرا، ئورمان تۇندرا، ئورمان ئوتلاق، ئوتلاق بەلباغلىرى جايلاشقان. چوڭ دەريالارىن ۋولگا، ئوب، يېنسىي، لېنا قاتارلىق دەريالار بار. تەبىئىي بايلىقلىرىدىن كۆمۈر، تۆمۈر، نېفىت، تەبىئىي گاز، رەڭلىك مېتال، تاشپاختا، گەج، چىرىمتال، ئورمان ۋە سۇ كۈچى بايلىقى ناھايىتى مول. روسىيە فېدېراتسىيىسى دائىرىسىدە 15 - ئەسىرنىڭ ئاخىرى موسكۋانى مەركەز قىلغان مەركىزىي دۆلەت قۇرۇلغان. 1547 - يىلى چارروسىيىگە ئۆزگەرتىلگەن. 1721 - يىلى رۇس ئىمپېرىيىسى دەپ ئېلان قىلىنغان. 1917 - يىلى 10 - ئايدىكى ئۆكتەبر ئىنقىلاىدىن كېيىن روسىيە سوۋېت فېدېراتىپ جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغان. 1922 - يىلى 12 - ئايدا ئوكرائىنا قاتارلىق جۇمھۇرىيەتلەر بىلەن بىرلىشىپ سوۋېت سوتسىيالىستىك جۇمھۇرىيەتلەر ئىتتىپاقى بولۇپ تەشكىللەنگەن. سانائەت - يېزا ئىگىلىكى تەرەققىي قىلغان، سانائەت، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش قىممىتى پۈتۈن سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ سانائەت، يېزا ئىگىلىك قىممىتىنىڭ 3/2، 3/1 قىسمىنى ئىگىلەيدۇ، ماشىنىسازلىق، پولات - تۆمۈر، رەڭلىك مېتاللۇرگىيە، نېفىت، كۆمۈر قاتارلىق ئېغىر سانائەتلىرى تەرەققىي قىلغان. پاختا، يىپەك، كەندىر، يۇڭ توقۇمىچىلىق سانائەت مەھسۇلاتلىرىمۇ پۈتۈن سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ