Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
رومولۇس
دائىرە: دۇنيا تارىخى罗慕路斯
luó mù lù sī
رىۋايەتلەردىكى رىم شەھىرىنىڭ قۇرغۇچىسى،<پادىشاھلىق دەۋر>نىڭ تۇنجى پادىشاھى. ئېيتىشلارغا قارىغاندا ئۇنىڭ بىلەن رىمۇس ئۇرۇش خۇداسى مارس بىلەن رېياسىلىۋىيىدىن تۇغۇلغان قوشكېزەك ئاكائۇكىلار بولۇپ ئامولىي تەختنى تارتىۋالغاندىن كېيىن ئۇلارنى تىبر دەرياسىغا تاشلىۋېتىپتۇ، ئىككى بوۋاق دولقۇننىڭ ئۇرۇشى بىلەن قىرغاققا چىقىپ قالغاندا ئۇلارنى بىر چىشى بۆرە ئېمىتىپ بېقىپتۇ ۋە پادىچى ئەرخۇتۇن بېقىپ چوڭ قىپتۇ، ئۇلار چوڭ بولغاندا ئامولىيىنى ئۆلتۈرۈپ پادىشاھلىق تەختىنى تارتىۋاپتۇ، ئۇلار تىبر دەرياسى بويىدا بىر يېڭى شەھەر بىنا قىپتۇ(مىلادىدىن ئىلگىرى 754-753)، ئاكائۇكىلار ئۆزئارا چىقىشالماي، رومولۇس ئىنىسىنى ئۆلتۈرۈپ ئۆزىنىڭ ئىسمى بىلەن بۇ شەھەرنى رىم شەھىرى دەپ ئاتاپتۇ، شۇنىڭدىن ئېتىبارەن<پادىشاھلىق دەۋىر>باشلىنىپتۇ،<رىمنىڭ كېلىپ چىقىشى>غا قاراڭ.
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ ئۇيغۇرچە–خەنزۇچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.
بۇ سۆز Lughet توپلىمىدىكى باشقا مەنبەلەردىمۇ ئۇچرايدۇ — تۆۋەندىكى تىزىملىكنى كۆرۈڭ.