Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
رومىنىيە دېھقانلار قوزغىلىڭى
دۇنيا تارىخى
罗马尼亚农民起义
luó mǎ ní yà nóng mín qǐ yì
يېقىنقى زاماندىكى رومىنىيە دېھقانلىرىنىڭ فېئودالىزمغا ۋە كاپىتالىستىك ئېكىسپىلاتاتسىيىگە قارشى ئېلىپ بارغان قوزغىلاڭى ئاساسلىق ئىككى قېتىم يۈز بەرگەن.(1)1887-يىلى قۇرغاقچىلىق ئاپىتى يۈز بەرگەن. ئىككىنچى يىلى 3-ئاينىڭ 20-كۈنى ئۇرزىكېنى(يەنى بالومىتىيە)دە دېھقانلار قوزغىلىڭى پارتلاپ قوشنا ناھىيىلەرگىچە كېڭەيگەن. قوزغىلاڭچىلار ئىمنىيىلەرنى ئىشغال قىلىپ پومېشچىكلارنىڭ يەرلىرىنى ۋە دۆلەت ئىختىيارىدىكى يەرلەرنى تەقسىم قىلىشقان. 4-ئايدا قوزغىلاڭ باستۇرۇۋېتىلگەن، ئۇزۇن ئۆتمەي بۇزېئو، رىمىكۇسېرات قاتارلىق ناھىيىلەردە يەنە كۆتۈرۈلگەن ھەمدە مولدوۋنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا تۇتىشىپ، ئاندىن پۈتۈن مەملىكەتتىكى 32 ناھىيىنىڭ 27 سىگە كېڭەيگەن. قوزغىلاڭ بۇخارىست قاتارلىق جايلاردىكى زىيالىيلار بىلەن ئىشچىلارنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن ئاخىر بىر تۇتاش رەھبەرلىك كەمچىل بولغاچقاھۆكۈمەت ئارمىيىسى تەرىپىدىن بىربىرلەپ تارمار قىلىنغان. قوزغىلاڭچىلاردىن 1000 دىن ئارتۇق كىشى ئۆلتۈرۈلگەن ياكى يارىدار قىلىنغان. 3000دىن ئارتۇق كىشى قولغا ئېلىپ سوراق قىلىنغان. قوزغىلاڭ مۇتەئەسىسپلەر ھۆكۈمىتىنى دېھقانلارنىڭ يەر مەسلىسىنى قىسمەن ھەل قىلىشقا مەجبۇر قىلغان شۇنىڭدىن كېين پاراكەندىچىلىك داۋاملىق بولۇپ تۇرغان.(2)1907-يىلى 2-ئايدا مولدوۋا دېھقانلىرى يەر ئىجارىسىنى كۆپەيتىشكە قارشى تۇرۇپ قوزغىلاڭ كۆتۈرگەن. قوزغىلاڭچى دېھقانلار يېزىلىق ھۆكۈمەت ئورونلىرىغا تۇيۇقسىز زەربە بېرىپ، فېئوداللىق ھۆججەتلەرنى كۆيدۈرۈۋەتكەن. ھەمدە شەھەرگە يۈرۈش قىلغان. بوتوسانى، ياسىس، دروخوئى قاتارلىق جايلار دېھقانلارنىڭ زەربىسىگە ئۇچرىغان. 3-ئايدا قوزغىلاڭ ۋالاخىيىدىكى مونتېنىيە ۋە ئولتېنىيەگىچە كېڭەيگەن. قوزغىلاڭچىلار يەر تەلەپ قىلىش شۇئارىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئېمنىيلەرنى ۋەيران قىلىپ، پومېشچىكلارنى جازالاپ يەرلەرنى تەڭ بۆلۈشكەن. شەھەرلەردىكى ئىشچىلارمۇ مەدەت بەرگەن. بۇ قوزغىلاڭ رومىنىيىنىڭ يېقىنقى زاماندىكى ئەڭ چوڭ بىر قېتىملىق دېھقانلار قوزغىلىڭىغا ئايلانغان. لېكىن ئاغمىچىلارنىڭ كاشىلىسىغا ئۇچرىغان. كېيىن ھۆكۈمەت 140 مىڭ كىشىلىك قوشۇن يۆتكەپ كېلىپ قوزغىلاڭنى باستۇرغان. دېھقانلاردىن 11 مىڭدىن ئارتۇق كىشى ئۆلگەن ۋە يارىدار بولغان. قوزغىلاڭ رومىنىيىنىڭ 0819-1912-يىللىردىكى يېزا ئىگىلىك ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرگەن.