Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
روكى تاغلىرى
دۇنيادىكى شەھەرلەر
落基山脉
luò jī shān mài
شىمالىي ئامېرىكىدىكى كورېلر تاغ سىستېمىسىنىڭ شەرقىدىكى تاغلىق. ئۇنىڭ شىمالىي ئالياسكىنى شىمالىدىكى بىروكىس تاغلىرىدىن تارتىپ جەنۇبىي گراندى دەريا ۋادىسى بىلەن مېكسىكىنىڭ شەرقىي مادېرا تېغىغىچە سوزۇلىدۇ. ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 4500 كىلومېتىر كېلىدۇ. بۇ تاغلىق شىمالدىن جەنۇبقا تەكشى سوزۇلغان بىر قانچە تارماق تاغنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، تاغلىقلار ئارىلىقىدا ئويمانلىق، ئېگىز تەكشىلىكلەر بار. ئا ق ش چېگرىسى ئىچىدىكى ئېلبېرت چوققىسىنىڭ ئېگىزلىكى 4399 مېتىر بولۇپ، روكى تېغى بويىچە ئەڭ ئېگىز جاي ھېسابلىنىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا بلانكا (4365 مېتىر)، لوس (4346 مېتىر)، كانت (4202 مېتىر) قاتارلىق چوققىلىرىنىڭ ئېگىزلىكىمۇ 4000 مېتىردىن ئاشىدۇ. بۇ تاغنىڭ ئا ق ش چېگرىسىغا جايلاشقان قىسمى قۇرغاق ئىقلىملىق ئورۇنغا جايلاشقانلىقى ئۈچۈن، تاغلىقنىڭ بۇ قىسمىدا مۇزلۇقلار يوق. كانادا قىسمىدا مۇزلۇقلار تەرەققىي قىلغان. بۇ جايدا ئاجايىپ شەكىلدىكى مۇزلۇق چوققىلار بار. روكى تاغلىقلىرى كېيىن ئېچىلغان. 19 - ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن كېيىن تاغلىقنى توغرىسىغا كېسىپ ئۆتىدىغان تۆمۈريول سېلىندى. بۇنىڭ بىلەن كان بايلىقلىرى كۆپلەپ قېزىلىشقا باشلىدى. بۇ جايدا كان سانائىتى خېلى مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ.