Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
روكفېللېر
دائىرە: دۇنيا تارىخى洛克菲勒
luò kè fēi lè
(1839 - 1937) ئامېرىكىلىق مونوپول كاپىتالىست. نيۇ - يورك شتاتىدا تۇغۇلغان. 1853-يىلى كىلىۋلاند ئەتراپىدىكى بىر دېھقانچىلىق مەيدانىغا كۆچۈپ بارغان. 16 يېشىدا ھېسابات خاتىرىلىگۈچى بولغان. كېيىن باشقىلار بىلەن شېرىكلىشىپ سودىگەرلىك قىلغان. 1870-يىلى باشقىلار بىلەن شېرىكلىشىپ، موبىل نېفىت مونوپول تەشكىلاتى بولۇپ شەكىللەنگەن ھەمدە ئامېرىكا بويىچە ئەڭ چوڭ مالىيە مونوپول گۇرۇھىغا ئايلانغان. نۇرغۇنلىغان بانكا، ئىستراخۋانىيە شىركىتى، تۆمۈر يول، كان، دېھقانچىلىق مەيدانلىرى، زاۋۇت، فابرىكا قاتارلىق كارخانىلىرىغا ئىگە بولغان. ئاخىرقى يىللىرى ئۇ مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى مەدەنىيەت - مائارىپ ۋە پەن - تەتقىقات ئىشلىرى ئۈچۈن ئىنتايىن زور مىقدارا پۇل ئىئانە قىلىپ، <روكفېللېر فوندى> تەسىس قىلغان. ئۇنىڭ جەمەتى ئامېرىكا بويىچە ئەڭ باي جەمەتنىڭ بىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ ئۇيغۇرچە–خەنزۇچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.
بۇ سۆز Lughet توپلىمىدىكى باشقا مەنبەلەردىمۇ ئۇچرايدۇ — تۆۋەندىكى تىزىملىكنى كۆرۈڭ.