Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
رېننېر
دائىرە: دۇنيا يەر - جاي ناملىرى伦纳〈澳〉
lún nà 〈ào 〉
دائىرە: دۇنيا تارىخى伦纳
lún nà
(1870 - 1950) ئاۋسترىيە زۇڭتۇڭى (1945 - 1950)، ئاۋسترىيە سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيىسى ئوڭ قانات رەھبىرى. ۋېنا ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇۋاتقان مەزگىلىدە سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيىسىگە كىرگەن. 1907-يىلىدىن باشلاپ پارلامېنت ئەزاسى بولغان. ئاۋسترىيە جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن، بىرىنچى قېتىملىق زۇڭلى (1918 - 1920) بولغان. 1931 - 1933-يىللىرى پارلامېنت باشلىقى بولغان. 1938-يىلى گېرمانىيىنىڭ ئاۋسترىيىنى ۋە چېخوسلوۋاكىيىنىڭ سودېت رايونىنى يۇتۇۋېلىشنى ئاشكارا قولىغان. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن، 1945-يىلى ۋاقىتلىق ھۆكۈمەت زۇڭلىسى بولغان. كېيىن زۇڭتۇڭلۇققا سايلانغان.
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ ئۇيغۇرچە–خەنزۇچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.
بۇ سۆز Lughet توپلىمىدىكى باشقا مەنبەلەردىمۇ ئۇچرايدۇ — تۆۋەندىكى تىزىملىكنى كۆرۈڭ.